تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئانارنى ئېھتىياجغا قاراپ ئوغۇتلاش كېرەك

    1. ئانارنى ئەڭ ياخشىسى فوسفور، كالىيلىق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئىلاج بار بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئانار چېچەكلەپ مېۋىلەيدىغان دەرەخ بولۇپ، فوسفور ۋە كالىيلىق ئوغۇتلار دەرەخنىڭ مېۋىلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

    2. ناۋادا ئانار يەرگە تېرىلغان بولسا، چېچەكلەش مەزگىلىدە قوشۇمچە ئوغۇت بەرمەسلىك كېرەك، چېچەكلەش مەزگىلىدە قوشۇمچە ئوغۇت بەرگەندە چېچەك، مېۋىلىرى ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلىدە يەنە بەك سۇغىرىۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئانار كۆپ سۇغىرىشنى ياقتۇرمايدۇ، كۆپ سۇغىرىۋەتسىمۇ چېچەك، مېۋىلىرى ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

    3. يەرگە تېرىلغان ئانارنى ئۆسۈش مەزگىلىدە يېرىم ئايدا بىر قېتىم ئوغۇتلىساق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قوشۇمچە ئوغۇتنى ئاز بېرىش، ئالدىراقسانلىق بىلەن كۆپ ئوغۇتلىۋەتمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولغاندا ئوغۇت ئانار دەرىخىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.

    4. بەشىنچى ئايدا ئانارنىڭ چېچەكلەش مەزگلىدە قوشۇمچە ئوغۇتلاشقا بولمايدۇ، چېچەك تۆكۈلۈپ مېۋىلىگەندىن كېيىن ئاندىن قوشۇمچە ئوغۇتلاشقا بولىدۇ، ناۋادا ئانار چېچەكلەشتىن بۇرۇن قوشۇمچە ئوغۇتلىماقچى بولساق، ھەر يىلى 4-ئايدا چىڭمىڭ بايرىمىدىن كېيىن ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلىساق بولىدۇ. چېچەكلەشتىن بۇرۇن، غورا مەزگىلى ۋە مېۋىسىنىڭ يوغىناش مەزگىلىدە ئايرىم-ئايرىم جۇاڭگو دىلىڭ ئوغۇتى پۈركىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا تۈپلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نەيچە يوللىرى كېڭىيىدۇ، سۇ ۋە ئوغۇت سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئېشىپ، مېۋىلەش مىقدارى ۋە سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ شۇنداقلا مېۋىسىنىڭ تۆكۈلىشىنى ئازايتقىلى، مېۋىسىنىڭ يېرىلىش، قاتتىق بولۇپ قېلىش ۋە غەيرى مېۋە بولۇپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ