تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  ۋاقىت، ھامان بەزى مۇھىم تۈگۈنلەردە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ كوردىناتىغا بەلگە قويۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تېزلىتىدۇ.

  ئىككى يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ھەر مىللەت ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

  شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بۇ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تولغانىدى. باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ئىستىلى، خەلقنى ئويلاش خىسلىتى تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىنى ئۈزلۈكسىز ئىللىتىپ كەلدى، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت 20 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت، باش ئەگمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

  شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئاساسى، تەرەققىيات مۇقىملىقنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ زېمىنىغا نەزەر سالساق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ياڭراق خىتابى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياڭرىدى؛ «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ» قۇرۇپ چىقىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى مەزمۇت تاشلاندى؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى؛ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلدى؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتتى. شىنجاڭ تىرىشىپ مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش مول ھوسۇل، قوش غەلىبىگە ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ نىشانىمىز. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 690 مىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قانداشلىقتىن ھالقىغان تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بېرىش - كېلىش جەريانىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا داۋاملىق پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

  «باھار شامىلىنىڭ كېلىشى بىلەن تەڭ، گۈللەر ئېچىلدى رەڭمۇرەڭ» يەنە بىر باھار يېتىپ كەلدى. بۇ يېڭى دەۋرنىڭ باھارىغا قەدەم قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ