تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۇلارنى سۈزۈك، تاغلارنى يېشىل قىلىش داۋامىدا گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش

− شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئومۇمىي بايان

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

  3- ئاينىڭ 5- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىل بولۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى. ھەر مىللەت ئامما ئېكولوگىيە ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىلەندى.

  گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش

  ئەتىيازنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدا، شىنجاڭنىڭ بىپايان ئورمانلىقىدا يۈز مىليونلىغان يۇمران نوتا بىخ سۈرۈۋاتىدۇ. ھالبۇكى، سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، بېلىقلار بىخارامان ئۈزۈۋاتقان ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىغا ھەرقايسى جايلاردىن ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىشنىڭ ئارقىسىغا، چۆلنى يېشىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسىدە بوشاشماي چىڭ تۇرۇش يوشۇرۇنغان. 2018- يىلى، شىنجاڭ 2 مىليون 720 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملىدى، 1 مىليون 310 مىڭ مو يەرنى تېرىقچىلىقتىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇردى، 5 مىليون 941 مىڭ 300 مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلىدى.

  تارىم دەرياسىنى ۋەكىل قىلغان ھەۋزىلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىسىدا، سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش، تۈزلەڭلىكتىكى سۇ ئامبارلىرىنى سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، دەريا يولىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تارىم دەرياسىدا بۈگۈنكى كۈندە «سۇ تىتىما كۆلىگە ئېقىپ بارىدىغان، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدا ئورمان، ئوت - چۆپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، تۆۋەن ئېقىنىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلانغان» يىرىك پىلان نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، يۇرت - ماكاننىڭ گۈزەل، پاكىز بولۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى (2018- 2022- يىلىغىچە)»نى چىقىرىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى؛ «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى؛ دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ھەۋزىسىدىكى مىليون مولۇق ئىككى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېز يولغا قويۇلدى؛ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىلدى.

  يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

  شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا، قار تېيىلىش، ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگوندا تاماشا قىلىش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەنزىرىلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەر نۇرغۇن ساياھەتچىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاسمىنى كۆك، سۈيى پاكىز، ئوتلاق ۋە تاغلىرى يېشىل، ھەيۋەتلىك گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە رەڭگارەڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەنزىرىسى بىلەن يۇغۇرۇلدى، شىنجاڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، ساياھەتچىلىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەت قۇۋۋىتىگە ئايلاندى. 2018- يىلى، شىنجاڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى ۋە «ساياھەت +»نى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى ياراتتى، پۈتۈن يىلدا ساياھەتچىلەر سانى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن كۆپرەك ئاشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات شەكلىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. «دەرەخ تاجىسىنىڭ ئاستىدىكى تۇپراقنى ئوغۇتلاش جەريانىدا، ئوغۇت تېجىلىپلا قالماي، بۇلغىنىشمۇ ئازايتىلدى، يەنە ھوسۇل ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ئاشۇرۇلدى.» دېدى خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى تۆۋەن لايقا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئېلىتوختى مەمەت، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ياردىمىدە، 2018- يىلى ئۇ يېڭىچە ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسراپچىلىقنى ۋە بۇلغىنىشنى ئازايتىپلا قالماي، ياڭاق سۈپىتىنىمۇ ئۆستۈردى.

  بارغانسېرى كۆپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن مۇھىت ئاسراشتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018- يىلى، شىنجاڭدا جەمئىي 50 مىليون مودىن كۆپرەك يەردە تۇپراقنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، رېتسېپلىق ئوغۇتلاش كېڭەيتىپ قوللىنىلدى، 30 مىليون مودىن كۆپرەك يەردە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلدى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىدىن يېشىل مۇداپىئەلەنگەن، تىزگىنلەنگەن كۆلەم 20 مىليون مودىن ئاشتى.

  يېقىشلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىش

  ئاپتونوم رايونلۇق دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى - تۆۋەن ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 3355 دەريا - ئېقىن، 110 كۆلگە بەش دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقى تەسىس قىلىندى، ھەر دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقلىرى دەريا، كۆلنى چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، دەريا، كۆلنى جەمئىي 150 مىڭ ئادەم قېتىم چارلاپ تەكشۈرۈپ، دەريا، كۆلنى چارلاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى <ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش>تىن <ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈم كۆرۈش>كە ئۆزگەردى».

  2018- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ماس ئالغا سىلجىتىلدى، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى ۋە يېزىلاردا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %74.7 بولدى، PM2.5نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 تۆۋەنلىدى. كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەلا، ياخشى بولغان سۇ سۈپىتى نىسبىتى %74.2 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «دەرەخنى تاغقا تىكىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش، يەرنى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈكلەشتۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە، پاكىز، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ھەقىقىي تۈردە بۇلغىما ساقلانمىسىنى ئازايتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقتى؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى يەرلەرنى قايتۇرۇپ سۇ ئىشلىتىشنى ئازايتىش، چارۋىلارنى يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەپ قوتاندا بېقىش، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويدى، قۇلۇستاي يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى... بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى كۈنسېرى گەۋدىلەنگۈسى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل، يېقىشلىق بولغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى