تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار ھەم ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماي، مەسىلىلەرنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماي، ئىستىلنى ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماي، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەسلىك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە جىددىي پەيتكە كەلگەنسېرى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىپ، بىرلا غەيرەت قىلىش ئىرادىسىگە كېلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى ئىستاتىستىكا قىلىش - ئۆلچەپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شياۋ خۇي مۇنداق دېدى: «2019- يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، 606 مىڭ 100 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 12 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملايمىز.» شياۋ خۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونكرېت خىزمەت داۋامىدا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.

  «بىز كېرىيە ناھىيەسىدە قىزىگۈلنى ئىنچىكە پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇئەييەن نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا ئۈلگە بولۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن.

نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماسلىق

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماسلىق كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  «باش شۇجى سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرگەن، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئەڭ كۈچەيدىغان چاغدا بىزگە بېرىلگەن ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقى ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. ئۇ تىلغا ئالغان ھەربىر تەرەپنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە ناھايىتى ئۇيغۇن، يۆنىلىش ئېنىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، نەق جايغا نىشانلانغان» دېدى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى گۈەن فاڭفاڭ.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ خىزمەت يۆنىلىشىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بىز تېخىمۇ كۈچلۈك، دەل تەدبىر قوللىنىپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى خۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى مۇھىم نۇقتا، ئاساسىي ساپا بويىچە تەربىيەلەش ۋە كارخانا ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەش، ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش قاتارلىق خاسلاشقان تەربىيەلەش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، بىر ئادەمنى سىرتقا چىقارسا، بىر ئادەمنى تەربىيەلەش، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى بىرەر ماھارەت ئىگىلىتىش ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ».

  «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بېكىتىلگەن نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، <ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش> <يەتتە بىر تۈركۈم> <ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش>نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى چېڭ جيەنجۈن.

مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماسلىق

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، ياخشى قىلىدىغان بىر مەيدان قاتتىق جەڭ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەتئىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، پۈتۈن بىر يىلدا 46 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى، 49 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماي، مۇھىم نۇقتىنى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئەقلىي جەھەتتە يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىقنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمىز.

  بۇ يىل 1- ئايدا، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن جياڭسۇ دۇڭجەن مەبلەغ سېلىش پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان شىنجاڭ جۇڭتەي - دۇڭجەن كىيىم - كېچەك پاي چەكلىك شىركىتى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى، شەنبە بازار بازىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 1378 ئەمگەكچىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، سىيەك يېزىسىنىڭ قاتىياق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى پەرھات مەمتىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ھەربىر ئايغا بۆلۈپ، كونكرېت ۋەزىپىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ياڭ شياۋدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى بىر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىيات يولىنى توغرا تېپىپ، نامرات ئائىلىلەر بىلەن بىللە بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تۈزۈپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات، لى ياڭ، جاڭ تىڭ، لى چۈنشيا، چېن چياڭۋېي، چېڭ يۆيۆ، جاۋ جىيۈن، ليۇ يى، لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خوۋيۈن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ