تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر ما جىچياڭ، جوۋ شىڭ): لېي فىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ياخشىلىققا، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاقلىق بولۇشتەك ئېسىل كەيپىيات تەشەببۇس قىلىنىپ، مەدەنىي ۋە ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتى بەربات قىلىندى. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمسار ناھىيەسى «ياخشى ئىش قىلىپ، دەۋرىمىز لېي فىڭلىرىدىن بولايلى» تېمىسىدا مول مەزمۇنلۇق لېي فىڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
جىمسار ناھىيەسى دايۇ بازىرى ۋېيخۇ كەنتىدىكى بەخت ھەمكارلىق ھويلىسىدا، 70 نەچچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «لېي فىڭدىن ئۆگىنىپ، ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى» تېمىسىدا ئاممىۋىي پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پىدائىيلار قوللىرىغا سۈپۈرگە، دەسماللارنى ئېلىپ، بەخت ھەمكارلىق ھويلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ، ھويلا-ئاراملىرىنى پاكىزلاپ، ئەخلەتلەرنى تۆكۈپ بەردى. ياشانغانلار مىننەردارلىقىدىن، باش بارمىقىنى چىقىرىپ بۇ ئوماق «كىچىك لېي فىڭ»لارنى ماختاشتى.
دايۇ بازىرى جيۇسەي يۈەنزە كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە، كەنت كادىرلىرى 80 نەچچە پارتىيە ئەزاسى ھەمدە دېھقان-چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ «لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىرلىرىنى تىكلەپ، ئەتراپىمىزدىكى تىرىك لېي فېڭلارنى تاللايلى» تېمىسىدا مەركەزلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت مەزمۇنى لېي فىڭنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، تەسىرات سۆزلەش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپچىلىك بەس-بەستە قىزغىن مۇنازىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ياخشى ئادەم ياخشى ئىشلارنى بايان قىلدى.
كەنت كادىرى مايۈەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۈگۈن كۆپچىلىكنى «لېي فىڭدىن ئۆگىنىش» پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشىمىز، بېغىشلاش، مېھرىبانلىق، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى تارقىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيىۋىي ئېڭى، ئەخلاق ئۆلچىمى، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەشۋىق قىلىشتۇر».