3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھەسەل ھەرىسى پورەكلەپ ئېچىلغان خېجىڭ گىلاس چېچەكلىرى ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ كۈنى، شاڭخەي ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا، چۇنمېي ۋە گىلاسلار بەس-بەستە چېچەكلىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر گۈللەرنى تاماشا قىلغاچ، باھار سەيلىسى قىلىپ، باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر پورەكلەپ ئېچىلغان مېيخۇا گۈلى دەرىخى ئاستىدا ماڭماقتا.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، پورەكلەپ ئېچىلغان چۇنمېي ھەسەل ھەرىسىنى ھەسەل يىغىشقا جەلپ قىلدى.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر ساياھەتچى چۇنمېي گۈللىرى ئارىسىدا توختاپ ھۇزۇر ئالماقتا.