تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز ساھەلىرى بويىچە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى. ئەزالار بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەن، دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، ئىشەنچ يەتكۈزۈلۈپ، ئورتاق تونۇش ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپتۇ، بۇ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، يول ئېچىپ جەسۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان بىر ياخشى دوكلات بوپتۇ.

  ئەزا باۋ ئەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەن دوكلاتتا بۇ يىل مەركەز مالىيەسىنىڭ كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتىلغان سېلىنمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقى، يەرلىك مالىيەنىڭمۇ قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم، دۆلىتىمىزنىڭ سالماقنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەزا نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: مەيلى كۈتۈنۈش، مائارىپ ياكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە بولسۇن، دوكلاتتا نۇرغۇن ئەمەلىي تەدبىرلەر بار ئىكەن.

  ئەزا پەن شياۋيەن مۇنداق دېدى: دوكلاتنى ئاڭلاپ مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقى جەھەتتىكى مەزمۇن بولدى. دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمى سىزىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى