تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى

  3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك، تېخىمۇ گۈزەل قىلىشىمىز كېرەك.

يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ گەنگوۋ يېزىسى گاۋچاۋ كەنتى تاغ ۋە سۇغا تايىنىدىغان، چارۋىچىلىقنى ئاساس، ساياھەتچىلىكنى قوشۇمچە قىلىدىغان كىچىك تاغلىق كەنت. «بۇ ئىككى يىلدا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپات سىياسىتىنى يولغا قويدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتلاقنى قوغداش ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيدى، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئاشتى.» گاۋچاۋ كەنتىدىكى چارۋىچى گۈلجەۋەر ئۆمۈربېك مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز».

  تاماق ئېتىشتە تەبىئىي گاز ئىشلىتىمىز، ئىشىكتىن چىقساقلا ئاسفالت يول، تازىلىق ئىشچىلىرى كوچىلارنى پاكىز تازىلايدۇ، ھەممە ئائىلىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە چىلان دەرىخى، شاپتۇل دەرىخى، ئالما دەرىخى بار... مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىنىڭ ھەممە يېرى باغچىدەك ئىنتايىن گۈزەل. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما شېڭچاڭ مۇنداق دېدى: «غولئۆستەڭ كەنتى چىلان ئىقتىسادىي ئورمىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋە كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ كەتكەن چىلانلىق قۇم - بوران توسۇقى ھاسىل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غولئۆستەڭ كەنتىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز».

  «ھازىر مۇھاپىزەت رايونىدا دەل - دەرەخلەر كۆپەيدى، ئۆسۈشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، يەنە دائىم ياۋايى ھايۋانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقنىڭ نەتىجىسى.» بايىلا تاغنى چارلاپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ غەربىي تىيانشان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى نىسبېك سۇلەيمېننىڭ تەسىراتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى. «بۇنىڭدىن كېيىن بىز داۋاملىق زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇ جايدىكى ھەربىر تال گىياھ، ھەربىر تۈپ دەرەخنىمۇ ياخشى قوغدايمىز».

ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شەنبايىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستى مۇھىت باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق بۇلغىنىش مەنبەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە كۆلەملەشكەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىن بولىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، يېزا تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى ۋە ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تىرىشىپ يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز.

  «تەبىئىي ئورمان − ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەڭداشسىز رولغا ئىگە» دېدى ئاقتۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى قۇربانئەلى مەمەتئەلى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە باشقۇرۇش، پەۋرىش قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز».

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئورمانچىلىق باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى سې مۇنداق دېدى: «باغ - ئورمان خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، سايباغ رايونىنى تېخىمۇ كۆكەرتىمەن ۋە تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمەن».

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش − ھەم مۇھىتنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ۋەزىپە.

  «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.» كۈنەس ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت ئۆلچەپ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى فېڭ شىنيۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى نۇقتىلىق كارخانىلار بىلەن نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈنەس ناھىيەسى يەنە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك پاسكىنا سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئازايتتى.

  2018- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن - دۇڭسەن رايونى «كۆمۈرنى تىزگىنلەش، بۇلغىمىنى تىزگىنلەش، چاڭ - توزاننى تىزگىنلەش، ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش» بىرىكمە مۇشتىنى سىجىل ياخشى ئېتىپ، ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن - دۇڭسەن رايونلۇق ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو چاڭچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنىنى ياخشى قوغدايمىز.

  «يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۇنجى جەڭ، شۇنداقلا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى بىر مەيدان قاتتىق جەڭ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى ئوتاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى دۇڭ چېڭپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ھويلا - ئاران مۇھىتىنى تۈزەش، ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، پاسكىنا سۇنى تۈزەش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئوتاقچى كەنتىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، يېزا - قىشلاق مۇھىتىنىڭ پاكىز، گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات، چېڭ يۆيۆ، جەزىرە نىسپبېك، خې لىڭ، جاۋ چۈنخۇا، يۈ شى، ۋېي خۇڭپىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شۆلۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ