تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلايمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىل بولۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. بۇ «تۆت بىر» پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  «باش شۇجى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇسا مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: «تۆت بىر»دە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز.

  ۋەكىل مۇسا مەمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۈزۈك سۇلىرى، يېشىل تاغلىرى، كۆك ئاسمىنى، ئاق بۇلۇتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇ خىزمەت قىلىدىغان شىنجاڭ شۆفېڭ مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 710 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان؛ 3 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 30 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ، زاۋۇت رايونىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان؛ 2018- يىلى 12 مىليون 680 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش ۋە كانچىلىق رايونلىرىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىغان.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىمىز.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شىنشېڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىمۇ ھالقىلىق مەزگىلگە كىردى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ئامما ئويلىغان، ئارزۇ قىلغان، ئالدىرىغان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ يىل «كۆمۈرنى تىزگىنلەش، توزاننى تىزگىنلەش، بۇلغىمىنى تىزگىنلەش، ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت تۆت قاتتىق تىزگىنلەش تەدبىرى ئارقىلىق، پولات - تۆمۈر قاتارلىق ساھەلەردە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ ۋە «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانا، سانائەت پېچلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، ئۈرۈمچى ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز

  «باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك. بۇ ئىچكى موڭغۇلغا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى». ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئورمان ئەھيا قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ۋەكىللىكىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسىگە يېقىن كېڭەيدى. «مەن شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنىنى ياخشى قوغدايمەن».

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇرماش سېرجان مۇنداق دېدى: «ياخشى تەبىئىي ئېكولوگىيە ئىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، سۈزۈك سۇلار، يېشىل تاغلار ئارقىلىق غايەت زور ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىمىز».

  «باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ خىزمەت يۆنىلىشىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيا خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىلمىي، ئېكولوگىيەلىك، تېجەشلىك بولغان كۆكەرتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، 410 مىڭ مو سۈنئىي ئورمان ئەھيا قىلىش، 300 مىڭ مو يەردە قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان ئەھيا قىلىشنى تاماملاشنى پىلانلىدى. «بىز <كۆكيار روھى>غا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل تۈرتكە بولىمىز» دېدى شيا خۇڭۋېي.

  «ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش كېرەك، بۇ، باش شۇجىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشىغا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپى» دېدى كورلا شەھىرى شىنىغى سۇ ئامبىرى 10 مىڭ مولۇق سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە ئىقتىسادىي ئورمىنىنى ھۆددىگە ئالغۇچى تاۋ چېڭباۋ. 2006- يىلى تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تاۋ چېڭباۋ تارىم دەرياسى ھەۋزىسى شىنىغى سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن 10 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان قۇرۇلۇشى توختامى ئىمزالاپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە كۆچەت تىكتى، قۇم - بورانغا تاقابىل تۇردى. ھازىرغا قەدەر 36 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 62 مىليون تۈپ توغراق كۆچىتى تىكىپ ئەي قىلدى، بۇ يەر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن «قۇرغاق رايون چۆللۈك - بوستانلىق ئۆتكۈنچى بەلبېغىدىكى چېكىنگەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىناق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» قىلىپ بېكىتىلدى. «بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا كۈچ قوشىمەن» دېدى تاۋ چېڭباۋ.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز

  باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ھەم مۇھىتنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ۋەزىپە.

  «بىز باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، <سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق> دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇرىمىز» دەپ بىلدۈردى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى باغدۆۋلېت.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جارقىن ئاخات مۇنداق بىلدۈردى: تەتقىقات يۇرتى داۋاملىق پەن تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتى ئۈچۈن ئەقلىي كاپالەتنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

  ئەزەلدىن «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ» «مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى» دەپ نامى بار ئالتاي ۋىلايىتى 2017-يىلىدىن بۇيان «ھەممىگە چېتىلىدىغان» مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دۇۋ چاۋخۈي مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىشنى تېز ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋىلايەتتىكى بارلىق ناھىيە بازارلىرى ۋە نۇقتىلىق شەھەر-بازارلاردا پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى مەنبەلىك بۇلغىنىش، بولۇپمۇ <ئاق بۇلغىنىش>نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئالتاي قۇرۇپ چىقىمىز».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۈنشيا، لى ياڭ، شى شىن، رېن جياڭ، چېن چياڭۋېي، ۋاڭ يۈجاۋ، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، ليۇ دۇڭلەي، يۈ شى يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ