ئۇ تاغ-دالىلارنى كېزىپ، دالا مەنزىرىلىرىنى سۈرەتكە تارتىدىغان بىر فوتوگراف، ئۇ مىكرو بىلوگىدا سايرام كۆلىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى:
مۇز بولۇپ قاتقان كۆز ياش!
قىش ئايلىرىدىكى سايرام كۆلى مىغ-مىغ ساياھەتچىلەردىن خالىي قالغانىدى، ئۇ بەئەينى كۆگىرچىن تېغى ئاستىغا ئويۇلغان قارا كۆك رەڭلىك يېشىل تاش كەبى جىمجىت يالتىراپ ياتاتتى، كەچكى شەپەق قىشنىڭ سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇقىنى ئۆز قوينىغا يوشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىللىق سىما ئاتا قىلغانىدى.
سايرام كۆلى ئېگىز تاغ كۆلى، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2073 مېتىر بولۇپ، كۆلىمى 450 كىۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمى ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن ئۆتەلمەي، شۇ يەردە ئەگىپ يۈرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يەر شەكلىنىڭ كۆتۈرۈلۈش تەسىرىدىن مول ھۆل-يېغىن ھاسىل بولۇپ، بۇ ئېگىز تاغ ئويمانلىقىنىڭ ئىچىگە توپلىنىدۇ، شۇڭا، سايرام كۆلىنىڭ «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» دېگەن چىرايلىق نامىمۇ بار.
سايرام كۆلىنىڭ كۆل يۈزى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، يېپىق ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلىگە تەۋە، ئۇنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەر ۋە فوتوگرافلار بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كۆللەرنىڭ بىرىدۇر.
سايرام كۆلى بىر يىلدىكى تۆت پەسىلدە ئۆزگىچە رەڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. باھاردا كۆل يۈزى ئەينەكتەك تىپتىنچ ھالەتتە بولۇپ، مۇزلار ئېرىپ سۇ يۈزى ئېچىلىپ، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ باغرى بارا-بارا گۈل دېڭىزىغا ئايلانسا؛ ياز ئايلىرىدا كۆل يۈزى لەرزان دولقۇنلاپ، كۆل ئەتراپىدا سېرىق گۈللەر ئېچىلىپ، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، كالا-قويلار توپ-توپ ئوتلاپ يۈرىدۇ؛ كۈز ئايلىرىدا، ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بۇ گۈزەل جايدا كۆك ۋە سۇ بىر-بىرىگە رەڭ بېرىپ، خۇشبۇي ئوتلار سېرىق رەڭگە كىرىپ، دانە-دانە كىگىز ئۆيلەر تىكىلسە؛ قىشتا ئاپئاق قارلار لەپىلدەپ، ئەتراپ كۈمۈشتىن تون كىيىپ، مۇز تۇتقان كۆل يۈزىدە ئالتۇن رەڭ قۇياش سىماسى ئەكس ئېتىدۇ. مەيلى قايسى پەسىلدە بولسۇن، پاكپاكىز، پايانسىز كۆل سۈيى كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ.