تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى، بەختلىك ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

  كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى ــــ

  كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى، بەختلىك ئىشلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

  مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقىنى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ئىشلار دەل پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. مەن سىلەرنىڭ پارتىيە سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

  ـــ شى جىنپىڭ

  باش ئەتىيازدىكى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە لاي ئېتىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى، تىراكتور ۋە توكسىكلىتنىڭ ئاۋازى، داقا - دۇمباق ئاۋازى ۋە خۇشال كۈلكە ساداسى يېقىملىق يېزا - كەنت سىمفونىيەسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

  كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئۆزگىرىش ناھايىتى تېز بولۇپ، كۈندە كەنتتە تۇرۇپمۇ كۆرۈپ تۈگىتەلمەيمىز؛ ھېس قىلغان بەخت ناھايىتى كۆپ بولۇپ، باشقىلارغا سۆزلەپمۇ تۈگىتەلمەيمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  2014- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى. ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىدە، باش شۇجى مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنىڭ مۇشۇ سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مېنىڭ سىلەرنى يوقلاپ كېلىشىم پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان - ئالمىغانلىقىنى، رولىنى جارى قىلدۇرغان - قىلدۇرمىغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈندۇر. ئومۇمەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ئىشلار دەل پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى. مەن سىلەرنىڭ پارتىيە سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

  سىياسەت ياخشى كىرىمنىڭ ئېشىشى كۆپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇقىم

  «دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، ھازىرقى كىرىمىمىزنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق».

  «بۇ ھەپتىدە سەن تولۇق ئىشلىدىڭ، بوغقان سۈپۈرگەڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكىدەك كۆپ بوپتۇ، يەنە 550 يۈەن ئالالايدىغان بولدۇڭ.» 3- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ۋارىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كوپىراتىپنىڭ كېڭەش باشلىقى داۋۇتجان ئابدۇرېھىم سۈپۈرگە بوغۇۋاتقان كەنت ئاھالىسى مەمەت ئىمىرنى رىغبەتلەندۈردى.

  ۋارىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2016- يىلى قۇرۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە، دائىم ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىسىدىن 50 نەچچىسى بار بولۇپ، مائاشى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. 300دىن ئارتۇق ئائىلىدىكى كەنت ئاھالىسى ئۆيىدە سۈپۈرگە بوغىدۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىۋالىدۇ.

  بىر سۈپۈرگە بوغۇش ئىش ھەققى ئاز دېگەندە بەش يۈەن بولۇپ، مەمەت ئىمىر كۈندە 20دىن 25كىچە سۈپۈرگە بوغالايدۇ، خوتۇنىنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى ئەسلىدىكى نوقۇل يەر تېرىشتىن قىلغان كىرىمىدىن 30 مىڭ يۈەن يۇقىرى بولدى.

  «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، ھازىرقى كىرىمىمىزنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق. بۇلتۇر ئېرىم كارخانىدا ئىشلەپ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، ئۆيدە 38 قوي بېقىپ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنگۈل ئەلى. 2016- يىلىدىن بۇرۇن، ئائىلىسىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىكەنلىكىنى، ئەينى چاغدا ھەر پەسىلدە 780 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولالىغانلىقىدىن رازى بولۇپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا، تۇرسۇنگۈل سەل خىجىل بولدى.

  كەنت ئاھالىسى ئابدۇكېرىمجان روزى ئەسلىدە ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە تايىنىپ تەرەپ - تەرەپتە ئىشلەيتتى، كىرىمى كۆپ ئەمەس ئىدى. 2015- يىلى ئۇ ئاشخانا ئېچىپ، مەخسۇس ئۆي تامىقى ئەتتى، سودىسى ئەڭ ياخشى بولغاندا كۈنىگە 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، شۇڭا ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلەپ، تىرىشىپ پۇل تېپىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە كەنتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇل تېپىش يولى كۆپ، ھەممەيلەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ».

  كەنت كادىرلىرىنىڭ تەسىراتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. 2014- يىلى كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، ھازىرقى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى نىساقىز مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 240تىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى 2016- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەر ناھايىتى كۆپ. باش شۇجى ئەينى يىلى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى تىلغا ئالغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ياكى ئىشىك ئالدىدا ئىشلەش، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق كۆپ يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  ياچېيكا كۈچلۈك مۇلازىمەت ئىنچىكە ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك

  «تۈرلۈك خىزمەتلەر قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە قانات يايدۇرۇلدى، چۈنكى كەنتتە كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بار».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىمىز بولۇشى كېرەك». باش شۇجى يەنە ئەتراپىدىكى كادىرلارغا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى ياخشى قۇرۇشنى تاپىلىدى.

  ئاياغمەنگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن يىشيۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە قانات يايدۇرۇلدى، چۈنكى كەنتتە كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان بار».

  «بىزنىڭ پارتىيە ياچېيكا بەنزە ئەزالىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 30 ياش ئەتراپىدا، پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەيدۇ، خىزمەتتە ناھايىتى تىرىشچان، 2018- يىلى كەنت ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ ھەممىسى شۇ يىلى ھەل قىلىندى» دېدى تيەن يىشيۇ.

  باش ئەتىيازدىن كېيىن، كەنتنىڭ خىزمىتى كۆپىيىپ كېتىدۇ، كەنت كادىرلىرى ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، رەتلىك - تەرتىپلىك ئىشلەيدۇ. تيەن يىشيۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتى ناھايىتى ئىنچىكە بولۇپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەت، ھەربىر تۈرلۈك مۇلازىمەتكىچە كونكرېتلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن، بۇ يىل كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كۆكتاتچىلىق، گۈلچىلىك، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، قىزىل ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ھەربىر كەسىپنى كەنت كادىرلىرى كونكرېت تۇتىدۇ.

  ئوخشاشلا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ ئىككى كۈندە، خىزمەت ئەترىتى بىر تەرەپتىن كەنتنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران مۇھىتىنى تۈزەش، دېھقانلارنى كەچلىك كۇرستا تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەم بەرسە، بىر تەرەپتىن شېنجېن شەھەرلىك ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئانىلار - بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلىش مۇراسىمىنى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشكىللىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شېن دېيىڭ مۇنداق دېدى: بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىنى تەدرىجىي تاشلىغانلىقىنى، مىننەتدارلىق ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

  ئاياغمەنگەن كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسى ئۇدۇلىدىكى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرسىلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەينى يىلى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ياۋ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: «مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ئوقۇتقۇچىلاردا مۇھەببەت بار، ئوقۇغۇچىلاردا روھ بار، مەكتەپ ھويلىسى پائال ئالغا ئىلگىرىلەش كەيپىياتىغا تولغان».

  يول كەڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك قىزغىنلىق يۇقىرى

  «بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىمەن».

  ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىغا «باقمىچىلىق ئۈلگىلىك ئائىلىسى» دېگەن تاختا ئېسىلغانىدى، يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە ئۇ يەنە گۈل پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى توغرىسىدا ئويلاندى. ئۇ ھويلىسىدىكى چوڭ لاپاسقا تىزىپ قويۇلغان تەشتەك - تەشتەك قىزىلگۈل، تاشئالما، جۈنزىلەن قاتارلىق گۈللەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باش شۇجى تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى، مەن بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ باي بولىمەن. بۇ يىل كەنت گۈلچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى، بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىمەن.

  كەنتتىكى بىر قىسىم دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھويلىسى بىرقەدەر چوڭ، كەنت كادىرلىرى بۇ دېھقان ئائىلىلىرىگە «كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، گۈل ئۆستۈرۈشكە قاتنىشىش تەكلىپىنى بەردى. كۆپچىلىك گۈل بازىسىدا ئىشلىسىمۇ بولىدۇ، يەنە پاي قوشۇپ، پايدا بۆلۈشسىمۇ بولىدۇ. كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى تۇرسۇن ئۆيىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، كەنتنىڭ ساياھەت يىرىك پىلانى بويىچە، ئۇ گۈلچىلىك كەسپىگە تايىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا تەييارلىق قىلدى.

  گۈلىستان سىدىق توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە ئاياغمەنگەن كەنتىدە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ مۇخبىرنى باشلاپ كەنتتىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاياغمەنگەن كەنتىدە قانچىلىك چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ قانچىلىك يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز».

  ھەربىر پارچە سۈرەتنىڭ ئالدىدا، گۈلىستان سىدىق باش شۇجى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشكەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى، يەنى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەنلىكىنى تونۇشتۇردى؛ ئەتراپتىكى كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ ئىشلەش ياكى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى؛ سودا رايونىنىڭ ئاۋات كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ ئىنتوناتسىيەسى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى