تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى
ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە قارىتا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە نامايان قىلىنىپتۇ.

      ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، مول يېڭى مەنىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر مەۋقە قىلىنغان، يېڭى ئورۇن ئىگىلەنگەن، يېڭى بۇرچ زىممىگە ئېلىنغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. 2018- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، شۇنداقلا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمىتى باشلانغان يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پىكىر - تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنىڭ خىزمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

      ئەزا مۇتەللىپ قاسىم مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ؛ مەنىسى دەل جايىدا بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى نامايان قىلىنىپتۇ؛ مەزمۇنى ئەمەلىي بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىللىق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت خىزمىتى جانلىق، تەپسىلىي خۇلاسىلىنىپتۇ، شۇنداقلا يېڭى بىر يىل ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ۋەزىپە ئادا قىلىش كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىنىپتۇ.

      ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

      ئەزا ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا سىياسىي يۆنىلىش پۇختا ئىگىلىنىپ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئومۇمىيەت خىزمىتى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىلىپتۇ. دوكلاتتا سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە «نېمە قىلدى» «قانچىلىك قىلدى» دېگەنگە ئەھمىيەت بېرىشتىن «قانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى»غا ئۆزگىرىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلىپتۇ، بۇ، كەڭ ئەزالارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. مەن سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق ۋەزىپەمنى، مەسئۇلىيىتىمنى، بۇرچۇمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمدەم بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ