تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلايمىز

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

      3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ۋە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردە مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى ۋە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە تۆھپە قوشىدىغان كىشىلەردىن بولىمىز.

     دەۋر ئۈچۈن ئوبراز تىكلەيمىز، دەۋر ئۈچۈن داستان پۈتىمىز، دەۋر ئۈچۈن توغرا ئەخلاق تۇرغۇزىمىز

      «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، ئالاھىدە يېقىملىق، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ». شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىلنار ئابلا نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىدى.

      دىلنار ئابلا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى خەلق، ئەڭ ھېسسىياتلىق سۆزلەنگىنىمۇ يەنىلا خەلق بولدى. «بىز مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلق بىلەن سىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن تولۇق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، باش شۇجىنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزنىڭ بۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى كارتىنىسىنى تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىمەن».

      دىلنار ئابلا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2014- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوتتەك قىزغىن تۇرمۇشقا پائال ئاتلىنىپ، چىن دىلىدىن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۇرمۇشقا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكتى، ياخشى ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ ياراتتى.

      دىلنار ئابلا مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر ئۈچۈن ئوبراز تىكلەپ، دەۋر ئۈچۈن داستان پۈتۈپ، دەۋر ئۈچۈن توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇپ، سەلتەنەتلىك بۇ دەۋردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەپ، چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، بەدىئىي ئۇسلۇب ئارقىلىق قايتا نامايان قىلىپ، دەۋرگە مۇناسىپ كېلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىشى كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ۋاڭ لۇبو مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ۋەزىنى ئېغىر، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، بۇ بىزنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ ھاياجانلاندۇردى، غەيرىتىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىش جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەتقىقات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

      شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىمنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.

     دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە تۆھپە قوشىدىغان كىشىلەردىن بولىمىز

      مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى بىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پىروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، بۈگۈن سۆزىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە خەلقنى مەركەز قىلىشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، مەن بۇنىڭدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، بىز ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئامما ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز كەنت مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى پائال قوزغاپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىش بىلەن بىللە ئىدىيەسىنىمۇ بېيىتىمىز».

      شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى رامىلە رەجەپ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتى جەريانىدا چېنىقىپ يېتىلگەن ياش پەن تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە توغرىلىنىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى تەتقىقاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ شەرھلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز ۋە ئەقىل - پاراسىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

      ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تارىم ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى مەمتىمىن سادىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى: ئېتىقادلىق، مېھىر - مۇھەببەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايە - ئىستەك ۋە ئائىلە دۆلەتكە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە تۆھپە قوشىدىغان سەنئەتكارلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنى كۈيلەيدىغان، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان، خەلقنى كۈيلەيدىغان، قەھرىمانلارنى كۈيلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلتۈرۈپ، بىزنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى مەدھىيەلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك».

     خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەيمىز

      شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دېڭ خۇڭ مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمىز. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تومۇرىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، تۈگۈننى يېشىپ، داۋلى چۈشەندۈرۈپ، پىكىر - تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىدىغان، كېڭىشىشنى بىلىدىغان، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر» بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇشىمىز كېرەك.

      شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇردى. ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ، دىراما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىدۇق. «بۇنىڭدىن كېيىن بىز مۇشۇ تۇپراقتا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، دەۋرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، رېئال تېما ئىجادىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل، بەدىئىيلىكى كامالەتكە يەتكەن، ئىشلىنىشى ئېسىل، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ھەر مىللەت كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

      باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئىجادىيەتنىڭ باش مەنبەسى، پەقەت خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاندىلا، ئاندىن پۈتمەس - تۈگىمەس، قۇرىماس ئىجادىيەت بۇلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مىھراي ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى ئىلھام جەزمەن خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. «بىر مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن داۋاملىق ئۇسسۇل سەنئىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسسۇل سەنئىتى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇسسۇلچىسى بولۇپ، نادىر ئەسەرلىرىم ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە جاۋاب قايتۇرىمەن، خەلققە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى مىھراي ئىبراھىم.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ جىيۈن، رېن جياڭ، چېن چياڭۋېي، لى ياڭ، لى لى، فەن خۇڭيى يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ