ۋىتامىن A ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ۋىتامىن A كەمچىل بولسا نەپەسلىنىش، ھەزىم قىلىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش، كۆپىيىش ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ مۈڭگۈزلىشىش خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاسانلا باكتېرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئورگانىزمنىڭ نەپەس يولى، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىگە بولغان تەسىرلىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھايۋانات جىگىرىدە ۋىتامىن A مول؛ ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە سەۋزە، كاۋا، ماڭگو، بوسەي، چىڭسەي قاتارلىقلار بەدەننى پەقەت پىروۋىتامىن A — كاروتېنوئىد بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ تۈردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەن ئىچىدە ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى