ھازىرقى جەمئىيەتتە، مەيلى ئەر ياكى ئايال، قېرى ياكى ياش بولسۇن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەمىشە ئورۇقلاش كويىدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورۇقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەن-تېخنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىر كىشىنىڭ ئورۇق ياكى سېمىزلىكىنى ئۆلچەشنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان نەچچە خىل ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى بار:
1. بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى (BMI). بۇ نۆۋەتتە مېدىتسىنا ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن بەدەن شەكلىگە ھۆكۈم قىلىش كۆرسەتكۈچىدۇر. بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام) نى بوي ئېگىزلىكى (مېتىر) نىڭ كىۋادراتىغا بۆلگەنگە تەڭ، مەسىلەن: بوي ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر، ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى: 23.4=1.6÷1.6÷60 بولىدۇ. سانلىق قىممەت 23.9 ~ 18.5 غىچە بولسا نورمال بولغان بولىدۇ. ئەگەر 23.9 دىن يۇقىرى بولسا ئورۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ 18.5 تىن تۆۋەن بولسا ئورۇققا تەۋە بولۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى بەدەندىكى ماينىڭ تارقىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى نورمال بولسىمۇ، لېكىن قورساق قىسىمىغا يىغىلغان ماي كۆپ بولغانلىقتىن، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچىنى بەل ئايلانمىسىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئورۇقلاش كېرەكمۇ-يوق دېگەنگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك.
2. كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى. كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغان ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدۇر. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇتلەق ئۆلچىمى بولمايدۇ، شۇڭا بىز كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى دەيمىز. كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام) بوي ئېگىزلىكى (سانتىمېتىر) دىن 105 نى ئېلىۋەتكەنگە تەڭ، مەسىلەن: بوي ئېگىزلىكى 170 سانتىمېتىر بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقى 65 كىلوگىرام بولىدۇ. لېكىن بۇ فورمۇلا بالىلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ.
3. بەل ئايلانمىسى. بەل ئايلانمىسى ماي ئومۇمىي مىقدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ماينىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى باھالايدىغان ياخشى كۆرسەتكۈچتۇر. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىردىن كىچىك بولۇشى، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىردىن كىچىك بولۇشى كېرەك. بەل ئايلانمىسىنى ئۆلچىگەندە تىك تۇرۇپ، ئىككى پۇتنى ئايرىپ 30 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئېچىپ تۇرۇش كېرەك، شۇنداق بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقى تەكشى تارقىلىدۇ. ئۆلچەيدىغان ئورۇن كىندىك تەكشىلىكىدە بولۇشى، يۇمشاق گەز تېرىگە چىڭ چاپلىنىشى، لېكىن بەك قىسىۋەتمەسلىك كېرەك.
4. بەل-كاسا نىسبىتى. بۇ بەل ئايلانمىسى بىلەن كاسا ئايلانمىسى نىسبىتى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ 0.9 دىن كىچىك بولۇشى، ئاياللارنىڭ 0.8 دىن كىچىك بولۇشى كېرەك.
5. تېرە ئاستىدىكى ماينىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى. قورساق دىۋارى تېرە ئاستىدىكى ماينىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى ئەرلەرنىڭ 15 سانتىمېتىردىن، ئاياللارنىڭ 20 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ ئادەتتە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تېرە ماي قېلىنلىقىنى ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.