تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىللىق باھار شامىلىدا بەخت گۈللىرى ئېتىز - قىرلاردا پورەكلەپ ئېچىلدى

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىل بويى يېزىسى ئاياغ چولاق كەنتى−
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىللىق باھار شامىلىدا بەخت گۈللىرى ئېتىز - قىرلاردا پورەكلەپ ئېچىلدى

      يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

      2- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاياغ چولاق كەنتىنىڭ سەھىرى جىمجىت، تىنچ بولۇپ، سەھەر تۇرۇپ ئىشىكى ئالدىدىكى يولنى سۈپۈرۈۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنى ئارىلاپ ئۇچراتقىلى بولاتتى. پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلبويى يېزىسىدىكى بۇ كەنتنىڭ ئورنى ياخشى بولۇپ، تاشيول بويىدىكى ئورمان بەلبېغىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى.

      يول بويىدىكى بىر كىچىك ماگىزىننىڭ كاۋاپدىنى ئالدىدا، كەنت ئاھالىسى ئادىل قۇربان ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ كۈنى قىزىلبويى يېزىسىنىڭ بازار كۈنى بولۇپ، ئۇ ئەتىگەندىلا بازارغا بېرىپ كاۋاپ ساتاتتى. ئادىلنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، ئۆي ئىچى ئەتىر ھىدىگە تولغان بولۇپ، بۇ ئايال خوجايىن رىزۋانگۈل مەخەت ئۆي تازىلىغاندا چاچقان ئەتىرنىڭ ھىدى ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى سائەت 7 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيلەرنى تازىلاپ، تاماقنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەيدۇ.

      «ھازىر كۈنىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئىشلەش غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى» دېدى بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئادىل كۈلۈپ تۇرۇپ.

      دېھقان ھويلىلىرىدا ئۈمىد قاناتلاندى

      «كەنتنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولماقتا، بىز ئىشەنچكە تولدۇق، بۇ يەردە قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايمىز.»

      ئادىلنىڭ ھويلىسى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئازراق بوشلۇق چىقىرىپ ياغاچ جازا قۇردى. «بۇ يەر كۆكتات تېرىش، ئۈزۈم تىكىشكە قالدۇرۇلغان، ھازىر تېخى ھېچنېمە ئۈنمىدى، يازدا يەنە كەلگىنىڭىزدە، بۇ يەردە ئۈزۈم بارىڭى، لازا، شوخلا، جاڭدۇلارنى كۆرىسىز» دېدى ئادىل بوش يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

      كىچىك ھويلىنىڭ ئارقا ئىشىكى تېخى ئورنىتىلمىغان بولۇپ، ئىشىكتىن چىقسىڭىز، باشقىچە بىر گۈزەل مەنزىرىنى بايقايسىز. بوش جايغا ياغاچ، خىش، سېمونت دۆۋىلەنگەن بولۇپ، قوتان سېلىشقا تەييارلاپ قويۇلغانىدى. يىراقتا رەتلىك ئېتىزلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ، ئاياغ چولاق كەنتى يولغا قويغان «ئالدى تەرەپتە ئۆي بولۇش، ئوتتۇرىدا باغ بولۇش، كەينىدە قوتان بولۇش، ئەتراپىدا يەنە چوڭ سالا ئېتىزلار بولۇش»تەك بىرىكمە ئائىلە ئىگىلىكى ئەندىزىسى بولۇپ، ئورگانىك دەۋرىيلىنىش چەمبىرىكى ئارقىلىق، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈمنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

      يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش يېزىلارغا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلدى.

      ئىلگىرى، ئادىل ئەر - خوتۇن دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىللىرىدە، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كۈنلۈكچى بولۇپ ئىشلەيتتى، ھازىر ئۇلار يىراققا بارمايلا كىرىمىنى ئاشۇرالايدىغان بولدى − ئادىل ئائىلىسىدە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىدۇ، كاۋاپ، راڭپىزا ساتىدۇ، خوتۇنى رىزۋانگۈل ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، يەنە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئائىلىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى 3500 يۈەندىن ئاشتى.

      «كەنتنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولماقتا، بىز ئىشەنچكە تولدۇق، بۇ يەردە قېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايمىز. بىز بىللە تىرىشساقلا، كۈنلىرىمىز چوقۇم بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ» دېدى ئادىل ئىشەنچكە تولغان ھالدا.

      تىرىشىپ ياراملىق ياشلاردىن بولۇش

      «سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ نۇرغۇن كىشى بىلەن تونۇشتۇم، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، مەن يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرىمەن.»

      دەم ئېلىش كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئارسلان مەخ خىزمەت فورمىسىنى ئالماشتۇرۇپ، راھەت كىيىنىپ، كەنت بېشىدا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى، ئۇ تامامەن مودا ياشلاردەك كۆرۈنەتتى.

      ئۇ قەشقەر ئوۋدۇ قەنتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە رېمونتچى بولۇپ، خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغانىدى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەندىن كۆپ بولۇپ، ئۇ ئاياغ چولاق كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «ياراملىق ياش» ئىدى.

      ئەمەلىيەتتە، ئارسلاننىڭ دادىسى مەخ غوپۇر كەنت ئاھالىسى تېخىمۇ ھەۋەس قىلىدىغان «ئىقتىدار ئىگىسى»، بۇ ئۇنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئۇستىسى بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياراملىق بولغانلىقىدا ئىدى، بالىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئاچىدىغىنى، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقىنى، يەنە شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئىشلەيدىغىنى بار. «پەقەت بالىلار خالىسىلا، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق سىرتقا چىقىپ جاھان كۆرگىنى، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقىنى ياخشى» دېدى مەخ كۈلۈپ تۇرۇپ، شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆينىڭ جاپاسىنى كۆپرەك تارتتى− ئۆيدىكى 16 مو يەر ۋە كالا، قويلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. دەم ئېلىش كۈنىدە، ئارسلان ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ.

      ھازىر، ئارسلاندا يېڭى ئوي پەيدا بولدى− سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىشنى، تېخىمۇ كۆپ رېمونتچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، زاۋۇتتا تېخنىك تايانچى بولۇشنى ئويلىدى.

      خىزمەت ناھايىتى جاپالىق، سېتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە، يەنە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن رىزۋانگۈل ناھايىتى خۇشال. «سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ نۇرغۇن كىشى بىلەن تونۇشتۇم، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، مەن يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرىمەن.» رىزۋانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى سىرتقا چىقىش پۇرسىتى يوق ئىكەن، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ھەرقايسى يېزا - كەنتلەردىن كەلگەن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ يېشى ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بىللە خىزمەت قىلىپ، پاراڭلىشىپ، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىكەن. ئىشلەپ بىرنەچچە ئاي بولمايلا، رىزۋانگۈل نۇرغۇن يېڭى دوست بىلەن تونۇشۇپتۇ، يەنە پات - پات ئۇلارنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدىكەن. ئارىلاشقان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، ئۇنىڭ كىيىنىشى، ياسىنىشى، قىزىقىشى، ھەۋىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، ئۆيىمۇ بارغانسېرى پاكىز، چىرايلىق بولۇپ كەتتى.

      «بىزنىڭ كەنت ئېغىر نامرات كەنت، ھەر خىل يول ئارقىلىق 175 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، 70 ئائىلىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كەنت ئاھالىسىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى» دېدى ئاياغ چولاق كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى ليۇ شىنجياڭ.

      كەسىپ يېزا - كەنت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك ئېلىپ كەلدى

      «كەسىپ تەرەققىي قىلدى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشتى.»

      «كەسىپ گۈللەنسە ئاندىن يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ھاياتىي كۈچ قوشالايدۇ، يېزىدا بىز كارخانىلارغا تايىنىپ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا موھتاج» دېدى ليۇ شىنجياڭ.

      پەيزاۋات ناھىيەسى خۇياڭ مۇگې تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانا بولۇپ، ئاياغ چولاق كەنتىگە ناھايىتى يېقىن بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلىشىگە قولايلىق ئىدى. ھازىر بۇ كارخانا 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا قوبۇل قىلدى، ئادىلنىڭ خوتۇنى رىزۋانگۈل شۇلارنىڭ بىرى.

      كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشى يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. خۇياڭ مۇگې شىركىتى پەيزاۋات قوغۇنى قېقى مەھسۇلاتىنى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ يىل 10 مىڭ مو تېرىقچىلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 2000 توننا قوغۇن قېقى سېتىۋالىدۇ. ئىلگىرى، تاۋار قوغۇن سېتىۋېلىش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ پەيزاۋات قوغۇنلىرى قوغۇن قېقى قىلىپ پىششىقلىنىپ سېتىلىدىغان بولدى.

      بۇنىڭغا ئوخشاش كارخانا پەيزاۋات ناھىيەسىدە يەنە ئاز ئەمەس. 2017- يىلى قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن قەشقەر ئوۋدۇ قەنتچىلىك چەكلىك شىركىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلچا تېرىقچىلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، قىزىلچا تېرىقچىلىقىنى يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندۇردى، يەرلىكتىكى دېھقانلار تېرىغان قىزىلچىنىڭ مو بېشى پايدىسى 2000 يۈەندىن ئاشتى.

      «كەسىپ تەرەققىي قىلسا، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشىدۇ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دەپ قارىدى ليۇ شىنجياڭ.

      ئاياغ چولاق كەنتى شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. 2018- يىلى، شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر، مۇقىم بولدى، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تېجەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، ئۈنۈمى ئاشتى، چارۋىچىلىق پۇختا قەدەمدە راۋاجلاندى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 2 مىليون موغا يەتتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تور قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىدى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

      «باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشانى ۋە يولىغا قارىتا ئېنىق يوليورۇق بەردى، بىز كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئۆز تەرەققىيات ئەمەلىيىتىمىزگە ئاساسەن چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى لاچىن بايئەكە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى