تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغاندىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ! كەچ سائەت 9دا پۇت چىلىغاندا بۆرەكنى ئەڭ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ

    بۆرەكنى ياخشى ئاسرىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ

  چىڭخۇا داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇ فاڭپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۆرەك ياللۇغى ياكى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بوۋاقلار-گۆدەكلەر، ياشلار-ئۆسمۈرلەردە ئاسانلا بىرلەمچى بۆرەك ياللۇغى كۆرۈلىدىكەن، ياشانغانلاردا «قان بېسىمى يۇقىرى، قان قەنتى يۇقىرى، قاندىكى ماي يۇقىرى» بولۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بۆرەك زەخىملىنىش پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  ساغلام كىشىلەر توپى ياخشى ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېمەك-ئىچمىكى مايسىز بولۇش، تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىش مىقدارى 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. سۇنى كۆپ ئىچىپ، سۈيدۈك قىسماسلىق كېرەك. ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك. تاماكىنى ئاكتىپ ھالدا تاشلاش، ئاق ھاراق، سېرىق ھاراق ۋە پىۋا تەركىبىدە زور مىقداردا پۇرىن بولۇپ، ئىچمەسلىك ياكى ئاز ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. دورىلارنى قالايمىقان ئىچىشتىن ساقلىنىپ، ياللۇغ بولغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا سۈيدۈك ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك.

  بۆرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىگە نىسبەتەن ھۇشيار بولۇش كېرەك. مەسىلەن، يۈز-كۆزى ئىششىش، سۈيدۈك قىزىرىش، سۈيدۈكتە كۆپۈكچە بولۇش، سۈيدۈك مىقدارى تۇيۇقسىز كۆپىيىش ياكى ئازىيىش، باش ئاغرىپ ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق، سۈيدۈك ئاقسىلى ۋە سۈيدۈك ئاقسىلىدىكى يوشۇرۇن قان نورمالسىزلىشىش قاتارلىقلار.

  يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپى خەۋپ ئامىلىنى كونترول قىلىشى كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپى مەخسۇس كېسەل دوختۇرىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا دورا بىلەن داۋالاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى، شۇنىڭغا ماس ھالدا تۇز مىقدارى تۆۋەن، شېكەر مىقدارى تۆۋەن، پۇرىن مىقدارى تۆۋەن، ماي مىقدارى تۆۋەن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. كەم دېگەندە ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئادەتتىكى سۈيدۈك، سۈيدۈكتىكى مىكرو مىقدارلىق ئاق ئاقسىل ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشى، بۇ ئارقىلىق بۆرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى بالدۇر بايقىشى كېرەك.

  دەسلەپكى بۆرەك كېسىلىنى چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىش كېرەك. ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ ياكى ئەكسىگە قايتۇرۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىيانغا ئۇچرىغان بۆرەكنى قوغداش كېرەك. بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى بۆرەك كېسىلىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىپ، ئاقسىل سىيىش سەۋىيەسىنى كونترول قىلىپ، كۈندە تۆۋەن ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكنى ئاساس قىلىش كېرەك، ئادەتتە ھەر كۈنى ھەربىر كىلوگىرام ئېغىرلىققا 0.6~0.8 گىرام ئاقسىل قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بۆرەك ئىقتىدارى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچرىغانلار ھەر كۈنى ئاقسىل قوبۇل قىلىش مىقدارىنى چەكلەشتە تېخىمۇ قاتتىق بولۇشى، لېكىن ئوزۇقلۇق ناچارلىشىشنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەر، مەسىلەن، قان ئازلىق، ئېلېكتىرولىت قالايمىقانلىشىش، كىسلاتادىن زەھەرلىنىش قاتارلىق مېتابولىزم بىنورماللىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىش كېرەك.

  داۋالىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە داۋالاشتىن كېيىنمۇ دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇش كېرەك. بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. سەل ياخشىلىنىش بولسا كېسەل ساقايدى، دەپ خاتا ئويلىۋالماسلىق، ئۇزۇن مەزگىل دورا ئىچىشنىڭ ئەكس تەسىرىدىن ئەنسىرەپ دورا ئىچىشنى ئۆز ئالدىغا توختىتىۋەتمەسلىك كېرەك. قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى، قان ئازلىق دورىسى، ھورمون دورىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك دورا بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مۇھىم داۋالاش دورىسى بولۇپ، ئۆز مەيلىچە توختىتىپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  سەككىز سىگنال بۆرەكنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

  1. يۈز-كۆزى ياكى پۇتى ئىششىش؛

  2. باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق؛

  3. سۈيدۈكتە كۆپۈكچە پەيدا بولۇش؛

  4. سۈيدۈك مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولۇش؛

  5. سۈيدۈك تەكشۈرتۈش نەتىجىسى نورمال بولماسلىق؛

  6. باشقا كېسەللىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش؛

  7. قان ئازلىق؛

  8. ئىشتىھا تۆۋەنلەش.

  ھەر كۈنى كەچ سائەت توققۇز ئەتراپىدا پۇت چىلىغاندا بۆرەكنى ئەڭ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ

  ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇت چىلاش بىر ياخشى تۇرمۇش ئادىتى، بۇنداق قىلغاندا پۇتتىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر كۈنلۈك ھاردۇق يېنىكلەيدۇ، لېكىن ۋاقىتقا چوقۇم ئېتىبار بېرىش كېرەك.

  ھەر كۈنى كەچ سائەت 9 دىن 11 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلمان سۇغا پۇت چىلىغان ئەڭ مۇۋاپىق. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، پۇت چىلايدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى، بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولماسلىقى كېرەك.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ