تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

      ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى پارتىيەمىزنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، شۇنداقلا دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنىشى مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

      ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «نىزام»نى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تۈپ پىرىنسىپى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلىتىشى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ قەتئىي ھالدا «نىزام»دا بەلگىلەنگەن سۇبيېكت، ئىش تۈرى، تەرتىپ ۋە ئۇسۇل بويىچە يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى باشلامچىلىق بىلەن «نىزام»نى ئىجرا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى ھەم «نىزام»دىكى تەلەپلەر بويىچە ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىنىڭ يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. «نىزام»نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

      «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى» جەمئىي سەككىز باب، 48 ماددا بولۇپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ