تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇش ئالتۇن رەڭلىك ۋىۋىسكا ئېسىش ياخشى كۈن كەچۈرۈش

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى شەھەر بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

  ساياھەت ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كەسىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ساياھەت مەدەنىيەت تارقىتىدىغان، مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ.

ــــ شى جىنپىڭ

  2-ئاينىڭ 23-كۈنى، چۈشتىن كېيىنكى قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى دۇكان ئالدىغا چۈشۈپ تۇراتتى. يېرىم كۈندىن بۇيان ئالدىراش يۈرگەن ھۈسەنجان ھۈسىيىن ئولتۇرۇپ، بىردەملىك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن تىنچ ھۇزۇرلانماقتا ئىدى.

  ھۈسەنجاننىڭ ياغاچ جابدۇقلار دۇكىنى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا. 60 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاننىڭ ئىچى ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆزگىچە خۇش پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، ھەر خىل، ھەر ياڭزا ياغاچ جابدۇقلار لىق قويۇلغانىدى. دۇكان سىرتىدىكى كوچىدا بالىلىرىنى يېتىلىۋالغان ئاھالىلەر، سومكا يۈدۈۋالغان ساياھەتچىلەر پات - پات ئۆتۈپ تۇراتتى... بۇ ئەھۋال، بۇ مەنزىرە بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقىنىغا 25 يىل بولغان ھۈسەنجانغا، ھەم تونۇش، ھەم ناتونۇش ئىدى. «ئىلگىرى بۇ يەردە كېسەك ئۆيلەر، پاتقاق يوللار بار ئىدى، ھازىر بۇ يەر مەنزىرە رايونى ھەم بىزنىڭ ئۆيىمىز» دېدى ھۈسەنجان.

  كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ھۈسەنجان ۋە 12 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىنى يېڭى ئۆيگە ئىگە قىلدى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش 50 مىڭ ئاھالىنى يېپيېڭى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

  كېسەك ئۆيلەر بىلەن تولغان تار كوچا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە «ئۈچ تاقلاپ سەكرەش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى قەشقەر تارىخىنىڭ «تىرىك گۇۋاھچىسى»، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر كوچا رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى توپا، تاش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر ئىدى، ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ئېغىر ئىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى توغرىسىدا، ھۈسەنجان بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە، ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى ئاشۇ خىل «پاسكىنا سۇنى پارلاندۇرۇپ تۈگىتىدىغان، ئەخلەتنى بوراندا ئۇچۇرۇتۇپ تۈگىتىدىغان، سۇ تۇرۇبىسىنى تامغا ئاسىدىغان» تۇرمۇش ئىنتايىن تونۇش، «چوقۇم كۆچۈپ چىقىپ كېتىش» ئۇنىڭ بىر مەھەللىك ئويى ئىدى.

  قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى مەركەزلىك ئۆزگەرتىش بۇ يەرنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. ئاھالىلەرنىڭ ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغان ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى مۇستەھكەم قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، يوللىرى تۈزلەندى، كېڭەيتىلدى، سۇ، توك، تەبىئىي گاز قاتارلىقلارنىڭ تۇرۇبىلىرى كوچىلارغىچە كىرگۈزۈلدى، ئاھالىلەر بۇ جايدا راھەت، ئازادە تۇرالايدىغان بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزگەرتىشتە كونا شەھەرنىڭ كونا قىياپىتى يەنى قورۇ شەكلىدىكى قەدىمىي ئاددىي ئۆيلەر، ئاۋات بازارلار ساقلاپ قېلىندى، يەنە نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىلدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيى ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 1-قەۋەت دۇكان، 2-قەۋەت تۇرالغۇ قىلىندى.

  ھۈسەنجان 20 نەچچە يىل تۇرغان تار كوچىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، گۈزەللەشكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دۇكىنى، تۇرالغۇسىنىڭ ئاستا-ئاستا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم ھەيرانلىق، ھەم خۇشاللىق ئىچىدە كۆردى. چىرايلىق ھەم تونۇش يېڭى ئۆي، يېڭى مەھەللە كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. ئاياللار ئوچۇق رەڭلىك كۆڭلەكلەرنى كىيىپ، تەبەسسۇم ئىلكىدە دوپپا كەشتىلەۋاتاتتى، ئەرلەر ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدا خۇشال - خۇرام ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. تۈنىكە مەش ئىچىدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، قولدا ياسالغان ساپاللار ئىشىك ئالدىغا رەتلىك تىزىلغانىدى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ياغاچ جابدۇقلار، ھەر خىل، ھەر ياڭزا چالغۇلارنى كىشىلەر كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەيتتى، ياشانغانلار پاراڭلاشسا، بالىلار قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى...

  كونا شەھەر رايونى يىراق - يېقىنغا داڭلىق مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، ئۇنىڭغا 2015-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ نام بېرىلدى.

  يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇش، ئالتۇن رەڭلىك ۋىۋىسكا ئېسىش، ياخشى كۈن كەچۈرۈش. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدە «ئۈچ تاقلاپ سەكرەش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، %90تىن كۆپرەك ئاھالە ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتى پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 2018- يىلى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىدە «شىددەت بىلەن» ئېشىش بارلىققا كېلىپ، 9 مىليون 283 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.95 ئاشتى؛ ساياھەت ئىستېمالى 9 مىليارد 16 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.03 ئاشتى.

  ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى مۇقىم بەخت ئېلىپ كەلدى

  «مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز»

  «بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن». ساياھەتچى جۇ يۈتۇڭ ۋە ھەمراھلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ كوچىلىرىدا سەيلە قىلدى، ناھايىتى خاسلىققا ئىگە ھەربىر دۇكان ئالدىدا توختىغىنىدا، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن بۇ يەرگە كەلدى، «بۇ يەردە تارىخنىڭ ئىزناسى، يەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ پۇرىقى بار ئىكەن، كىشىنى مەستخۇش قىلىدىكەن» دېدى ئۇ.

  نۇرغۇن ساياھەتچى مۇشۇلارنى دەپ كەلگەن. 2018-يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %125 ئاشتى. بۇ يىلقى چاغان مەزگىلىدە، مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچى 35 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەتتە ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  «بۇ مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي پەرھات روزى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلگەنلىكىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ساياھەتچىلىكنى ئەلالاشتۇرىمىز، زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلىمىز.

  ھۈسەنجان ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى بەلكىم بىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇ «ئادەم مەنزىرە ئىچىدە، مەنزىرە رەسىم ئىچىدە» دېگەن بەخت ۋە قانائەتنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ بىر خىل مۇقىم بەخت.

  ھۈسەنجان خېلى بۇرۇنلا كونا شەھەر رايونىدا 15 كىۋادرات مېتىرلىق ياغاچ جابدۇقلار دۇكىنى ئاچقان، ئەينى ۋاقىتتا نەقىشلىك ئىشىك، رام قاتارلىقلارنىلا ياسايتتى، خېرىدارلىرى قولۇم - قوشنىلىرى بولۇپ، كىرىمى تۇرمۇشىغا ئاران يېتەتتى. ھازىر، دۇكىنىدا 200 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات بار بولۇپ، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، خېرىدارلىرىمۇ جاي-جايلاردىن كەلگەن. ھۈسەنجاننىڭ ئىشلەش غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى، بىر ئائىلىدىكى بەش جاننىڭ ھەممىسى ياغاچ جابدۇقلار دۇكىنىدا ئالدىراش يۈرەتتى، بۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ مەنبەسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە 21 ياشلىق ئوغلى يەنە شىئەن، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ كۆرۈپ بېقىشنى، ياغاچ جابدۇقلارنى پىششىقلاش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئۆگىنىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دۇكىنىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھۈسەنجان قوشنا دۇكاننىمۇ ئىجارە ئالدى، بۇ يىل 4-ئايدا، 120 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى دۇكىنىدا تىجارەت باشلايدۇ.

  بەزىلەر بۇ جايدىن كېتىشنى خالىمىغانىدى، يەنە بەزىلەر بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى. ئەخمەتجان ئالىم بۇلتۇر ئۈرۈمچىدىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئاكىسى بىلەن شېرىكلىشىپ دوپپا بازىرىدا دۇكان ئاچتى، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە سودا قىلىشنى ئويلاشقانىدى، قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى قاينام - تاشقىنلىق ئۇنى ھاياجانغا سېلىپ بۇ يەرگە ئەكەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر مىغ-مىغ ئىدى، بۇلتۇر ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

  «قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، لېكىن ئىشىك بېلىتى سېتىلمايدۇ، بۇ يەر مەنزىرە رايونى ھەم پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش رايونى، 50 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالە ساياھەت پايدىسىدىن ھەمبەھرىلەنگۈچىلەر» دېدى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ئادىلجان ئابدۇقادىر.

  تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھېكايىلەر سىڭگەن

  «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى»

  قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىن كىرسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا شەننى قەھۋەخانىسى نامايان بولىدۇ.

  بۇ ھېكايىسى بار بىر قەھۋەخانا. ئەينى يىلى، بىر بېيجىڭلىق ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ كوچىلىرى ۋە بۇ جاينىڭ ئادەملىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان، كېيىنچە ئۇ شۇ جايدىكى دوستى بىلەن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ بۇ قەھۋەخانىنى ئاچقان. ئۆي ئىگىسى 1-قەۋەتنى ئۇلارغا ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى 2-قەۋەتتە تۇرغان. بېيجىڭ، قەشقەر ئىككى جايدا تۇرىدىغان، قىلچە تونۇشلۇقى بولمىغان بىرقانچە كىشىنى كىچىككىنە قەھۋەخانا بىر - بىرىگە زىچ باغلىدى.

  ئادىلجاننىڭ قارىشىچە، بۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشى ئىكەن. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئىدىيەسى ئازاد بولدى».

  بۇنداق ئۆزگىرىشنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ.

  غولام رېشىت چەبدەسلىك بىلەن پىشقان نانلارنى تونۇردىن قومۇردى، سارغىيىپ پىشقان، بۇغداينىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان نان يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. نۇرغۇن كىشى يان تېلېفونلىرىدا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەپ نان سېتىۋالاتتى.

  بۇ ناۋايخانىنىڭ ئېچىلغىنىغا نەچچە يىل بولغان بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 نان ساتقىلى بولىدىكەن. ناۋايخانا بىر يىل ئىلگىرىلا ئۈندىداردا پۇل تۆلەشنى يولغا قويغان. ھازىر غولامنىڭ ئىشى كۆپ ئاسانلاشتى، پۇل ئېلىش-پۇل قايتۇرۇش كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ نان يېقىشىغا ئازراقمۇ دەخلى يەتمەيدۇ.

  قېرىنداشلار كونا شەھەر مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ ئالدىغا بىر ۋىۋىسكا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە شېنتۇڭ تېز يوللانمىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى يېزىلغانىدى. مەنزىرە رايونىدىكى نۇرغۇن دۇكاننىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق ۋىۋىسكىلار بار، «سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا، دۇكاندا توشۇش تالونىنى تولدۇرۇپ، توشۇش ھەققىنى تۆلىسە، مالنى بىۋاسىتە ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دېدى دۇكان ئىگىسى مەرھابا ئابدۇرېشىت.

  قاش قارايغاندا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدا كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاھالىلەر بەس-بەستە ئۆيلىرىگە قايتىشىپ، كوچىلار قاينام - تاشقىنلىققا تولدى. ئالدىراشلىق ئىچىدىكى بىر كۈن تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، يېڭى بىر كۈن كىشىلەرگە قۇچاق ئېچىشقا باشلىدى. ئەتە بۇ جايدا ساياھەتچىلەر مىغ-مىغ بولۇپ كېتىدۇ.

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ ئاۋات مەنزىرىسى مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلدى. 2018- يىلى، شىنجاڭ جەمئىي دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 150 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.09 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 257 مىليارد 971 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 41.59 ئاشتى. بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە داۋاملىق شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى ساقلىنىدۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ھېكايىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى