ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى فېي خەۋىرى: 2019-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيە خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى لوپنۇر شۆبە مەكتىپىنىڭ تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى «پەللىگە ئاتلىنىش» شوئارىنى توۋلىدى، شوئار ئاۋازى مەكتەپ ھويلىسىدا ياڭرىدى.
شۇ كۈنى، لوپنۇر ناھىيە خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ لوپنۇر شۆبە مەكتىپى 2019-يىللىق «100 كۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىش، پارلاق كەلگۈسى يارىتىشقا قەسەم بېرىش» ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 100 كۈنلۈك قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزدى، 473 نەپەر تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا 100 كۈنلۈك «پەللىگە ئاتلىنىش» شوئارى ۋە ئالىي مەكتەپ «ھەل قىلغۇچ جېڭى»دا جەزمەن غەلىبە قىلىش جاكارنامىسىنى توۋلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ لوپنۇر شۆبە مەكتىپى خېبېي خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن لوپنۇر ناھىيەسى بىرلىشىپ قۇرغان مەكتەپ بولۇپ، باشقۇرۇشتا خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى تاللاپ ئەۋەتكەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى لوپنۇر شۆبە مەكتىپىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا تولۇق ھوقۇقلۇق مەسئۇل ئىكەن، ئۇلار خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلغار مەكتەپ باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا قوللىنىدىكەن. خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئىبارەت مائارىپ داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى جەلپ قىلىپ، خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى لوپنۇر شۆبە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدىكەن.