مۇھەررىر :
زۇلخۇمار ئابدۇقادىر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/03/01 16:40
ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس كەنتىدە يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى قۇياشنى سۈرەتكە تارتماقتا. (2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىلى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ساياھەتچى سانى 150 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، %40تىن ئارتۇق ئاشتى. 2019-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئۈچ مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى.
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، بىر سودىگەر سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاسما گىلەمنى رەتلىمەكتە (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى بىر ياغاچتىن ياسالغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنىدا، 21 ياشلىق خوجايىن ئۆمەرجان ھۈسىيىن داغلاپ گۈل بېسىش تەييارلىقىنى قىلماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا (2-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)
ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى ياغاچ بۇيۇملار دۇكىنىدا مال تاللىماقتا (2-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدە ھەر خىل مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلانماقتا (2-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە، ساياھەتچىلەر تۆگە مىنىپ قۇملۇق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلماقتا. (2018-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)
كورلا شەھىرىدىكى كاككۇك دەرياسىغا ماكانلاشقان ئاق قۇلار شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. (2-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)