تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تۇزنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش سەزگۈر تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر جاڭ يىرۇڭ): تۇزنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئاش تۇزىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلغاندا يەنە سەزگۈر تېرە ياللۇغى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

  سەزگۈر تېرە ياللۇغى ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تېرە قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش ۋە يېرىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. گېرمانىيە مىيۇنخېن سانائەت پەنلىرى داشۆسى يېتەكچىلىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەترىتىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «پەن. ئۆزگىرىش تېبابىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئاش تۇزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خىلورىد، ئادەم بەدىنىدىكى T ھۈجەيرە ناترىي خلورىد تەسىرىدە ياردەمچى T ھۈجەيرە ئىچىدىكى Th2 ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ. T ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ۋىرۇس قاتارلىقلار بىلەن «ئۇرۇش قىلىش»ىدىكى ئاساسىي كۈچى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئەمما، ئۇ Th2 ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى قاتارلىق سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

  بىراق، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بۇ جەريان قايتما بولىدىكەن. بۇ، تۇز مىقدارى تۆۋەنلىسە Th2 ھۈجەيرىسىنىڭ قايتىدىن T ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، پەن-تەتقىقات ئەترىتى يەنە ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ياللۇغلانغان يېرىدىكى ناترىي مىقدارىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىمارلار تېرىسىنىڭ ياللۇغلانغان قىسمىدىكى ناترىي مىقدارى ساغلام تېرىدىكىنىڭ 30 نەچچە ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان.

  تەتقىقاتقا قاتناشقان مىيۇنخېن سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ پروفېسسورى كرىستىنا جېلىنسكى مۇنداق دېدى: بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ھەممە ئېتىراپ قىلغان يەنە بىر تېببىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، يەنى ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ تېرىسىنىڭ ياللۇغلانغان قىسمىدىكى سېرىق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسىنىڭ مىقدارى سەل يۇقىرى بولىدۇ. بۇ خىل باكتېرىيە باشقا باكتېرىيەلەرگە ئوخشىمايدۇ، تۇزغا نىسبەتەن يۇقىرى چىدامچانلىقا ئىگە. بۇمۇ زىيادە كۆپ مىقداردا تۇز ئىستېمال قىلىش بىلەن ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپاتلىدى.

  لېكىن، جېلىنسكى يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تەتقىقات ئەترىتىمىز كۆپ مىقداردىكى ناترىي خىلورىدنىڭ قانداق قىلىپ بەدەندىن تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يۆتكىلىدىغانلىقىنى تېخى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمىدى، شۇڭا تۇز مىقدارى كۆپ ياكى ئاز بولغان يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئالاھىدە رېئاكسىيەچان تېرە ياللۇغى ئارىسىدا مۇتلەق باغلىنىش بار، دەپ پۈتۈنلەي كېسىپ ئېيتالمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى