فىرانسىيە «ELLE» ژۇرنىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۈز قىسمىنى تازىلاش ۋاقتى تېرە ئاسراش ئۈنۈمى ۋە تېرە سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېرە سىرتقى يۈزى كۈندۈز ۋە كەچتە ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرىدىكەن. كۈندۈزى، تېرە سىرتقى يۈزى مۇداپىئە سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىپ، سىرتقى غىدىقلاشقا قارشى تۇرىدىغان «قوغداش قالقىنى»نى شەكىللەندۈرىدىكەن، كېچىسى قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈندۈزدە پەيدا بولغان زەخمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.
ماقالىدە ئامېرىكا PureWow شىركىتىنىڭ تەتقىقاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: تېرە سىرتقى يۈزىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بەدەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئوخشاش بولۇپ، كېچە-كۈندۈز رىتىم تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يورۇقلۇق سۇسلىغان ھامان، ھۈجەيرە قايتا ھاسىل بولۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا تېرە ۋاقتىدا تازىلانمىسا، تېرىگە يېپىشقاق ماددىلار سىڭىپ كىرىپ، ھۈجەيرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا، كۈن پاتقان ھامان يۈزنى تازىلاش كېرەك.
بۇنىڭغا قارىتا، ئىسپانىيە بارسېلونا گېن گۇرۇپپىسى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىمۇ يۇقارقى يەكۈنلەرنى دەلىللىگەن ھەمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: قاراڭغۇ چۈشكەندە تېرىنى تېزدىن تازىلاش تېرىنىڭ زىيادە بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى