سالات قىيامىنى توغرا تاللاش ئىنتايىن مۇھىم
ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى چوقۇم ئاز بولۇشى كېرەك. كۆكتات سالاتتىكى كۆكتاتلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئەسلىدىنلا تۆۋەن بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلسىمۇ ئادەم ئاسان سەمرىپ كەتمەيدۇ. ئەمما، كۆپىنچە كىشىلەر كۆكتات سالاتقا سالات قىيامى قوشۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سالات قىيامى كۆپ مىقداردىكى تۇخۇم ۋە خام قايماقتىن ياسىلىدىغان بولغاچقا، ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا، ئورۇقلاش مەزگىلىدە كۆكتات سالات ئىستېمال قىلماقچى بولسىڭىز سالات قىيامى قوشماڭ. ئەگەر سالات قىيامى قوشمىغان كۆكتات سالاتنى سەل تەمسىز ھېس قىلسىڭىز، كۆكتات سالاتقا جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، لىمون شەربىتى قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلارنى قوشۇپ ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يېڭى كۆكتاتلارنى تاللاش
كۆكتاتلارنى پىشۇرغاندا كۆكتات تەركىبىدە بار بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، كۆكتات سالات ئىچىدىكى يېمەكلىكلەر ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەچكە، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ياردىمى بولىدۇ. ئەمما، كۆكتات سالات تەييارلىغاندا چوقۇم يېڭى كۆكتاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم، ئەگەر توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلانغان كۆكتاتلارنى ئىشلەتكەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى