تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەتىيازدا قانداق مېۋىلەرنى تاللاپ يېيىش كېرەك

  گۇاڭجوۋ جۇڭيى دورىگەرلىكى داشۆسى 1-تارماق دوختۇرخانىسى دورىشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر پىراۋىزورى تەن خەنتيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەتىيازدا تەمى تاتلىقراق، ئازراق چۈچۈمەل يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدىكەن، مەسىلەن: بولو، نەشپۈت، چېلىزى، بۆلجۈرگەن، مىخوۋتاۋ قاتارلىقلار.

  قايسى كىشىلەر كەچتە ئالما يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ

  تەن خەنتيەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەتىگەندە ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن قىممەتتە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئالما ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق ۋە ئېنېرگىيە تولۇقلىغىلى بولىدۇ.  كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولۇپ، سەرپىياتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا، ئەتىگەندە ئالما ئىستېمال قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا، كەچتە ئالما ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ.

  كېچىدە ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرالمىسى كۆپ بولىدۇ، ئالمىنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولغاچقا، ئاشقازان كېسىلى بارلار بولۇپمۇ ئاشقازان كىسلاتاسى بىرقەدەر كۆپ كىشىلەر كەچتە ئالمىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئادەتتىكى كىشىلەر كەچتە ئالما ئىستېمال قىلغاندا زىيادە ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، تەبىئىتى بىرقەدەر سوغۇق مېۋىلەرنى كەچتە ئاز يەپ ئاشقازان ۋە تالغا زەخمە يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەسلى ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە دورا ئۆسۈملۈكلەر ياخشى ئۆستى
  • ۋۇجىياچۈدا 3 مىليون تۈپ كۈركۈمگۈل پورەكلەپ ئېچىلدى
  • يول بويى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى  ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى بويىدا باھارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى