تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر يان تېلېفون بىلەنلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش

ئاقىل ساياھەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشتى

بىر يان تېلېفون بىلەنلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: خۇبېيلىق ساياھەتچى فەن جىگاڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساياھەت قىلغاندا، «بىر يان تېلېفون بىلەنلا ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش» ئاقىل ساياھەت سۇپىسى ئارقىلىق سەپىرىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، يېنىكلەتتى. يان تېلېفون ئارقىلىق، فەن جىگاڭ مېھمانساراي ئەتراپىدىكى مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئەھۋالى، بېلەت باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆردى، يەنە يان تېلېفوندا مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سېتىۋالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاقىل ساياھەت قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «بىر يان تېلېفون بىلەنلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنى بەرپا قىلدى ھەم ھەرقايسى جايلارنى ئالدىن يولغا قويۇشقا، ئالدىن سىناشقا رىغبەتلەندۈردى.

  «بىر يان تېلېفون بىلەنلا ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت سۇپىسى 1-ئايدا تورغا ئۇلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئىنتايىن زور قولايلىق ئېلىپ كېلىپ، ساياھەتتىن قولايلىق ھېس قىلىش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. «ساياھەت يېتەكچىسى يېتەكلەش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەر مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئەقلىي ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ ئورنىنى تاپالايدۇ. VR كۆزەينىكى ئارقىلىق يەنە 14 مەنزىرە رايونىنىڭ 720 گىرادۇسلۇق تولۇق كۆرۈنۈشلۈك مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدۇ، ئۆزى شۇ يەردە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بىر يان تېلېفون بىلەنلا ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش» بۇ يىل تىجارەت، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ساياھەتكە چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى جەلپ قىلىدىكەن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھىتى تېخىمۇ قولايلىشىدىكەن. «ساياھەتكە چېتىشلىق كارخانىلار سۇپا چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئىستېمالچىلار ياقتۇرىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتالايدۇ. ئاپتوموبىل، ساياھەت يېتەكچىسى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ تەرتىپلىك سەپلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جۇ شىنرۇڭ.

  «ھازىر ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك 300دىن ئارتۇق كارخانا سۇپىدا ماكانلاشتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ <بىريان تېلېفون بىلەنلا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش> ئاقىل ساياھەت سۇپىسى بۇلتۇر 11-ئايدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، يۈرۈشۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى.» 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ سانجى تىڭجوۋ مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: «سۇپا شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاسلىققا ئىگە <غىزالىنىش، يېتىپ-قوپۇش، سەپەر قىلىش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش> قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلارنى يۇغۇرۇپ بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.» ۋاڭ جۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سۇپىنىڭ ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىش بۆلىكىگە ئائىت كەسىپنى ئۇدۇللاشتۇرىدىكەن.

  ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدا بىرقانچە ئاقىل ساياھەت سۇپىسى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتى خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۇلۇتى، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى، ئاقىل پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش ئاساسىدا، ۋىلايەتنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى