تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئائىلىڭىز «ئاۋازسىز ھالەت»كە توغرىلىنىپ قالمىسۇن

   

    دوستۇم شياۋجاڭ ناھايىتى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن دېيىشمەيدىغان گېپىمىز يوق ئىدى. بىر كۈنى، ئۇ ماڭا ئېرى بىلەن دېيىشىدىغان گېپى قالمىغاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئېرى بۆلۈم دىرېكتورلىقىغا ئۆستۈرۈلگەندىن بۇيان، ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ. خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا دائىم يېرىم كېچىدە ئۆيگە كېلىدىكەن. بەزىدە دەم ئېلىپ ئۆيدە ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت چىققاندا بولسا ھەمىشە يانفون ئوينايدىكەن. شياۋجاڭنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقى، تۇرمۇشىدا نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ كارى يوق ئىكەن. كېيىنچە گەپدان شياۋجاڭنىڭمۇ گېپى ئازلاپ، ئىككىيلەن ئارىسىدا دېيىشكۈدەك گەپ قالماپتۇ.

   ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ ئەھۋالىممۇ شياۋجاڭنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزمۇ تولا مۇڭدىشىپ كەتمەيمىز. پەرق شۇكى، ئېرىم كۆپىنچە سىرتتا ئىشلەيدۇ، ئىككىمىز ئاساسەن ئىككى جايدا تۇرىمىز. بىر يەرگە كەلسەكمۇ، ئۇ يانفونىغا قارىسا، مەن ۋېيبو ئويناپ دېگەندەك ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز. بەزىدە مەن پاراڭ تېمىسى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ باقاي دېسەممۇ، ئۇ پاراڭغا قوشۇلمايدۇ-دە، مەنمۇ سۆزدىن توختاپ قالىمەن. ئاخىرىدا ئىككىيلەن ئاساسەن گەپ قىلىشمايدىغان، بىر-بىرىمىزگە ئېيتىدىغان گېپىمىز بولسىمۇ ئېيتماي بۇرۇقتۇرما بولۇپ يۈرىدىغان بولۇپ كەتتۇق.


   پىكىر ئالماشتۇرمايدىغان ئەر-خوتۇننىڭ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ھەر ئىككىيلەنگە روھىي بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئائىلىمىزنىڭ «ئاۋازسىز ھالىتى»نى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مەن توردا ئائىلە تۇرمۇشىغا دائىر نۇرغۇن كىتاب كۆردۈم، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ ئاخىرى بىر-بىرىمىزگە مۇڭداش بولالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتىم. ئىككىيلەن ئۇزاققىچە بىللە تۇرمۇش كەچۈرمىسە، تۇرمۇش چەمبىرىكىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن، ھېس-تۇيغۇسى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ۋە قىزىقىشىدىمۇ پەرق كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ئەر-خوتۇن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ ناتونۇشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن تونۇشلاردەك بولۇپ قالىدىكەن.

  مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن، مەن ئىشنى ئېرىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن باشلىدىم، كۈندە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۈندىداردا ئېرىمدىن ئەھۋال سورىدىم، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇنىڭ ۋاقتى چىققاندا، تېلېفوندا بالام ئىككىمىز ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق كۆرۈشتۇق. ئادەتتە قانداقلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئېيتىدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى كۈچەيدى، ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇردۇم. ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىگە بولغان ئويلىغانلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق، ئاندىن ئائىلىمىزگە بىر نىشان تىكلەپ بىرلىكتە تىرىشتۇق.

  بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىقتىن كېيىن، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. يېقىندا، ئېرىم كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك گەپ قىلماي يانفون ئويناپلا ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، مەن نەگە بارسام كەينىمدىن توختىماي گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. بۈگۈنكى كۈندە ئىككىمىز يەنىلا ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بەختنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ