ئەڭ گۈزەل قار يۇرتى بولغان قۇمقاناس كەنتىدە پىيادە ماڭسىڭىز يولبۇيى قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئالىسىز، تاختا يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئاق قىيىنزارلىقتا تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسىنى كۆرىسىز، قۇمقاناس كەنتىگە يىراقتىن نەزەر سالسىڭىز كۆپكۆك ئاسمان ۋە ئاپئاق قار گىرەلەشكەن ئەڭ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇر ئالىسىز.
سىز يەنە ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىز بىلەن قاناستىكى ئۈچ قولتۇقتا سەيلە قىلىسىڭىز، رەسىمدەك مەنزىرە ئىچىدە مۇز تۇتقان قاناس كۆلى يۈزىدە يۈگۈرسىڭىز، جىمجىت ئولتۇرۇپ تۇمان ۋە قۇياش نۇرىنىڭ بۇ جاينى ئورۇۋالغاندىكى مەنزىرىدىن ھۇزۇر ئالسىڭىز، قەلب بىلەن تەبىئەتنىڭ يېقىنلاشقان پەيتىنى ھېس قىلالايسىز.