تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

537 مىڭ كىشى بىر يىلدا نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلدى؟

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي

  جايلار نامرات رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن سىياسەتنى جانلىق يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا كۈچىدى.

  نامراتلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش خەۋپى مۇناسىپ تۆۋەنلىتىلدى، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى تايانچلىق رولى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، نامرات رايونلارغا مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تۈر كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ رايونى ئىچىدە ماسلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش، نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق شەكىللەرمۇ رولىنى پائال جارى قىلدۇردى.

  شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە قەغىزى يېقىندا ئېلان قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 537 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 513 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، ئۈچ نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57 تىن %6.51 كە تۆۋەنلىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بارغانسېرى «قاتتىق قىيىنچىلىق»قا ئايلىنىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، بۇ سانلىق مەلۇمات ئاسان قولغا كەلمىدى. 537 مىڭ كىشى بىر يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرالىدى؟ بۇ ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپ يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق سالغان ئاساس، بۇ، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەرقايسى تارماق كۈچلەرنىڭ غەيرەت بىلەن تىرىشىشى، نامرات ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىشىدىن شەكىللەنگەن غايەت زور كۈچتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەرقايسى تارماق كۈچلەر نامراتلىقنىڭ ئاچقۇچلۇق ئورنى، مۇھىم ئورنىغا مۇجەسسەملىنىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش»نىڭ ئۇل تېشىنى ئورتاق پۇختىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەر ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

   سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، ئادەمگە، ئىشقا ئاساسەن نامراتلارغا ياردەم بېرىش

  نامراتلىق قارىماققا ئوخشاشلا نامراتلىق بولسىمۇ، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارىسى ھەر خىل بولىدۇ. جايلارنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. نامرات رايون، نامرات ئاھالىنى قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامرات رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق يەتتە جەھەتتە ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەتنى جانلىق يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا كۈچىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «يەتتە بىر تۈركۈم»گە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، بەدەننى ئۆلچەپ كىيىم پىچىپ، جايمۇجاي، ئائىلىمۇئائىلە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، يەرلىكتىكى ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىش-سېتىش گۇرۇھى شىركىتى 140 دېھقانلار كۆكتاتچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كۆكتات سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، 11 مىڭ 345 نامرات ئائىلىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. كەلپىن ناھىيەسى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن بەش كەسىپ كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، 18 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى(سېخ) قۇرۇپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا 1500 دىن كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا، يەرلىك پۈتۈن يىلدا 4696.7 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، 434 نامرات ئائىلىگە تۈرتكە بولدى. ئۇلۇغچات ناھىيەسى تورغات پورتىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بايقۇرۇت يېزىسىدىكى نامرات چارۋىچىلاردىن 136 ئائىلىدىكى 445 كىشىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بىر ئائىلىنىڭ بىر دۇكىنى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  خوتەن ۋىلايىتىدە، يەرلىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىر موغا يەتمەسلىكتەك ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇششاق ۋە تارقاق نامرات ئائىلىنى باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەشكىللەپ، باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، 2018-يىلى قوتاندىن چىققان گۆش قويىدىن 300 مىڭنى، تاۋار توشقاندىن 800 مىڭنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، زور بىر تۈركۈمدىكى نامرات ئاھالىنىڭ باقمىچىلىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  نامرات ئائىلىلەرگە ماس كېلىدىغان ئوخشىمىغان نامراتلارنى يۆلەش لايىھەسى ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر «يەتتە بىر تۈركۈم» ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تاپتى. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن باشقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بۇلتۇر يەنە يېڭىدىن چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرىنى كۆپەيتىش، ئوتلاق باشقۇرغۇچى، ئېكولوگىيە ئورمان قوغدىغۇچىسىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ «شەرق شامىلى»دىن چېگرا لىنىيەسىدىكى نامراتلار، چارۋىچىلىق رايونىدىكى نامراتلار قاتارلىقلارنى مەنپەئەتلەندۈردى.

   كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز جايلارغا كۈچەش

  ئۇل ئەسلىھە مۇكەممەل بولماسلىق، تەرەققىيات قاتتىق دېتالى «قاتتىق بولماسلىق»، مائارىپنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش ئاسان يۈز بېرىش... بۇلارنىڭ ھەممىسى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «توسالغۇ». بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈم ئېففېكتىنى مەۋقە قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئۇل ئەسلىھە كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.

  بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات رايونلارنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش نەتىجىلىرى كۆرسىتىلدى. 2018-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش قاتارلىق تۈر مەبلىغىدىن 2 مىليارد 400 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1592 مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىنى قوللىدى؛ سودا سۇغۇرتىسى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يىلدا كىشى بېشىغا 186 يۈەنلىك سۇغۇرتا ھەققى سوممىسى بويىچە، 1 مىليون 627 مىڭ 500 نامرات ئاھالىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلىدى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىدا نامرات ئاھالىلەرگە قارىتىلغان باشلانما چىقىمنىڭ ھەممىسى %60 كە تۆۋەنلىتىلدى، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ يېزا-بازارلىق شىپاخانىسى، كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %87.3، %88.3 كە يەتتى؛ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 560 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ھەل قىلىنىپ، نامرات كەنتلەرگە 407.9 كىلومېتىر قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، نامرات كەنتلەرگە سۇ يەتكۈزۈش، توك يەتكۈزۈش، رادىيو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش، كەڭ بەلباغلىق تور يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە يىللىق پىلان ئورۇندالدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئېغىر نامرات ناھىيە. 2018-يىلىدىن بۇيان، بۇ ناھىيە مالىيەدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇشىغا 657 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى % 100 كە يەتتى. بىر يىل ئىچىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات ئاھالە، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار پۈتۈن يىلدا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا 7225 ئادەم قېتىم يېتىپ داۋالاندى، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىدىن 16 مىليون 603 مىڭ يۈەن ئاتچوت قىلىندى؛ نامرات ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش تولۇقلىما سۇغۇرتىسى 5520 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 1 مىليون 874 مىڭ 500 يۈەن ئاتچوت قىلىنىپ، ئوتتۇرىچە ئەمەلىي ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.

  نامراتلارنى داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسى ئۆستى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش خەۋپى مۇناسىپ تۆۋەنلىدى، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى تايانچلىق رولى كۆرۈنەرلىك بولماقتا. نامرات رايونلارنىڭ يول، سۇ، توك، تور قاتارلىق ئەسلىھە شارائىتى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، مائارىپ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى سەۋىيەسى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مائارىپ نامراتلىقتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچىمەكتە.

   بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىش

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى يېڭىشتىكى قاتتىق ۋەزىپىگە يۈزلىنىشتە قالتىس تۆھپە قوشۇشقا، تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىمە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايون فۇجيەن-نىڭشيا نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، نامراتلارنى مەخسۇس يۆلەش، كەسىپلەر بويىچە يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىدىغان بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولىغا تايىنىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «10 شەھەردە 100دۇكان» قۇرۇلۇشى، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت» قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 2017-يىلىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت» قۇرۇلۇشى بويىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 105 يېزا-بازار(كەنت)دا قۇرۇلغان تۈر 129، قۇرۇلغان زاۋۇت 389 بولۇپ، 17 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ھەل قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 1490 كىشى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىق قاتارلىق كەسىپ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «10 شەھەردە 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، خۇڭچىپو ئالمىسى، ئونسۇ گۈرۈچى ۋە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ چىلان، ياڭاق قاتارلىق خاس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى جېجياڭ بازارلىرىدا 150 مىڭ توننىدىن ئارتۇق سېتىلدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، نامرات رايونلارغا مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تۈر كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ رايونى ئىچىدە ماسلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش، نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق شەكىللەرمۇ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلدى. ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردى، شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بەردى، بىڭتۈەن يەرلىككە ياردەم بەردى، ھەرقايسى جايلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئاجىز ۋەزىيىتىگە ئۇدۇللىشىپ، رايون ئىچىدە نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 249 ئورۇن 279 نامرات كەنتكە نۇقتا بويىچە ياردەم بەردى، يۆلىدى، مەركەزدىكى 16 ئورۇن 27 نامرات ناھىيەگە نۇقتا بويىچە ياردەم بەردى، يۆلىدى، ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈرىدىن 131 نى يولغا قويدى.

  تېخىمۇ كەڭ قاتلامدىن، پۇقراۋى كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر نامراتلارنى يۆلەشكە كەڭ دائىرىدە قاتناشتى، بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا «1000 كارخانا 1000 كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىگە قاتناشقان كارخانا ئومۇمىي سانى 1255 كە، ياردەم بېرىلگەن-يۆلەنگەن كەنت ئومۇمىي سانى 1376 گە، ياردەم بېرىلگەن-يۆلەنگەن كىشى ئومۇمىي سانى 281 مىڭغا، كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش سوممىسى 1 مىليارد 379 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» قاتارلىق پائالىيەتلەر سىجىل قانات يايدۇرۇلدى، 1 مىليون 120 مىڭ كادىر ئامما ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 690 مىڭ نامرات ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، پات-پات يوقلاپ، پات-پات ياردەم بېرىپ، يۆلەپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئاز-ئازدىن كۈچ توپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ