تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىشى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ھالىتىگە قايتتى

1-ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتى بارلىق قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 299 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئېشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا كارخانا قەرز پۇلى، بارلىق قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 4.6 ۋە 5.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  «بۇلتۇر 11-ئايدا، بىز ھەرقايسى بانكىلاردىن تۆتىنچى پەسىلنى بىرىنچى پەسىل سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، يەككە مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى 5 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىچىدىكى قەرز پۇل ئالغۇچىلار سانىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەككە مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى 5 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ يىل 1-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بىزنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاش سىياسىتىمىزدە دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈلگەن» دېدى خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى نى سۇفاڭ.

  بۇلتۇر، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىر قاتار تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان، شىنجاڭ بانكىچىلىقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆت قېتىم تۆۋەنلىتىپ، 60 مىليارد يۈەن مەبلەغ تارقاتقان؛ 2019-يىلى كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ بانكىچىلىقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىپ، يەنە 18 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ تارقاتقان. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجە-ئۈنۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 1-ئايدا شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئايلىنىشىدا ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز قالدۇقى 1 تىرىليون 907 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 18 مىليارد 120 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.8 ئاشقان، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئىككى ئاي تېزلەشكەن، بۇلار، شىنجاڭ بانكىچىلىقىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللىشىنى ئازادە سىياسەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتا، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پۇل سىياسىتىنىڭ نىشانلىق تەڭشەش-كونترول قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇلتۇر جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ 2 مىليارد 700 مىليون يۈەنلىك قايتا قەرز بېرىش، قايتا دىسكونت قىلىش نورمىسىنى كۆپەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇنى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا مەخسۇس ئىشلىتىش بىلەن بىللە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاپ قايتا قەرز بېرىشتىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ، بانكىلارنى يەككە مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى 5 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كىرېدىت بىلەن قوللاشنى زورايتىشقا يېتەكلىگەن؛ بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن قايتا دىسكونت قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ زورايتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بانكىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىشىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ھوقۇقى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا يۈرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى