تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ۋاڭ يەنچىڭ: يەردىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىمەن

مۇخبىرىمىز ۋاڭ لېي

    2- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى زېگۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالار چوڭ يىغىنى مۇشۇ ناھىيەنىڭ شىرېنزا يېزىسىدا ئېچىلغاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ يەنچىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2019- يىللىق مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنىڭ يېڭىچە مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك... دېيىلدى، 1- نومۇرلۇق ھۆججەت بىزنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى زورايتىش، كۈچەيتىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تېخىمۇ كەڭ بوشلۇقنى كۈتۈۋالىدۇ!»

    باركۆل ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونغا جايلاشقان، پۈتۈن يىلدىكى قىروۋسىز مەزگىلى ئاران ئۈچ ئاي، بىراق بۇ يەرنىڭ كىلىمات شارائىتى ياڭيۇ تېرىشقا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، تېرىلغان ياڭيۇلارنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى. ئىلگىرى، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىڭ پارچىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، دېھقانچىلىق پەن- تېخنىكا سەۋىيەسى تۆۋەن ئىدى، كىرىم ئەھۋالى بازار ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ قويغانىدى.

    2010- يىلى، ۋاڭ يەنچىڭ سەككىز ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ زېگۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، ئاساسلىقى موگۇ، ياڭيۇ، كۆك پۇرچاق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەر ئوبوروتى ۋە زاكازلىق يېزا ئىگىلىك شەكلىنى قوللىنىپ دېھقانلار بىلەن ھەمكارلاشتى. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىلىغا 3000 توننا ياڭيۇ پىنتوزىسى ئىشلەپچىقىرالايدىغان پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقان دېھقانلار يەر ئوبوروت ھەققىگە ۋە پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشتى، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 160 ئائىلىگە يەتتى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 5000 يۈەن ئاشتى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 500دىن كۆپرەك دېھقان ئائىلىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 2017- يىلى، زېگۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى دۆلەت تەرىپىدىن «دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بويىچە ئۈلگە كوپىراتىپ» دەپ باھالاندى.

    بۇلتۇر، زېگۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 4000 مولۇق ئۆلچەملەشكەن ياڭيۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، تېرىش ئۇسۇلى، سورت تاللاش، ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى باشقۇرۇش، سۈپەتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا يېشىل يېزا ئىگىلىك ئۆلچىمى بويىچە پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان ياڭيۇ پىنتوزىسى، كۆك پۇرچاق پىنتوزىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ شۇ جايدا داڭقى چىقتى، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگىچە سېتىلدى، سېتىلىش سوممىسى 3 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

    بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يەنچىڭ ھەقىقىي دېھقان. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانداق قىلغاندا يەردىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بۇ مەن ئىزچىل ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە، مەن يەنە بۇ ئويۇمنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارىمەن» دېدى ۋاڭ يەنچىڭ.

    «ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى دېھقانلارغا خاتىرجەم قىلىش كومىلىچى يېگۈزدى، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى». ۋاڭ يەنچىڭ مۇنداق دېدى: «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم نۇقتا. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

    «ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. پات ئارىدا قۇرۇپ چىقىلىدىغان يىللىق مەھسۇلاتى 3000 توننىلىق ياڭيۇ كىراخمالى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ». ۋاڭ يەنچىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشىدا، دېھقانلارنىڭ يەردىن ئېرىشىدىغان بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى