تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

خوتەن شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئەزىمەت ئەركىن

    مەن ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىدىغان ئادەتتىكى كادىر، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى يېڭى ئەسكەر. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، مەن بەختلىك ھالدا جېجياڭ جياشىڭ شيۇجۇ ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە داشۆسىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتۇمنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپەمنى قوشۇشنى ئويلىدىم.

    ھازىر، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كېلىپ، ئىقتىساد سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ساياھەتچىلىكتە «شىددەت بىلەن» ئېشىش بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ زېمىنىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، جەمئىيەتمۇ بارغانسېرى مۇقىم بولدى. بىز يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، يەنىمۇ تىرىشىپ مۇنۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك: دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلۇپ، ئىلمىي، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى قەدىرلەپ، يېڭى دەۋر تۇرمۇشىغا ئۇيغۇنلىشىشىمىز كېرەك؛ كونا، ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، مەدەنىيەت ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ مەسئۇلىيەتچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

    ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار، بىز ئىدىيەنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يەنە زەھەرلىشىگە قەتئىي ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك! پەقەت بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلساقلا، ئاندىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

    ئۇيغۇرلاردا «كاللا ئىشلىمىسە پۇتقا ئارام يوق» دېگەن ماقال بار، بۇ بىزگە ئادەم ياشىغان ئىكەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى، ئىدىيەدە ئىلغارلىقنى ئىزچىل ساقلىشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىۋېتىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. پەقەت ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار كۆز قاراش بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان قاناتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرەيلى، بىز ياشلىق جۇشقۇنلۇقىمىز بىلەن ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇشنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ