تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، يېڭى تىپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش

−«يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نىڭ يەشمىسى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

       زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىرلىكتە «يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  مەنپەئەت

  دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي مەنپەئەتلەندۈرۈش

  «يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا يېتەكلەشتە، ئەڭ ئاخىرىدا كەڭ دېھقان ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى سۇبيېكت قىلىش كېرەك، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى سىياسەت ۋە ئىسلاھات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش پىكرى»دە يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى، يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى دېھقان ئائىلىلىرىگە مەنسۇپ، يەرنى ئوبوروت قىلىش- قىلماسلىق، باھانى قانداق بېكىتىش، شەكلىنى قانداق تاللاشنى ھۆددىگەر دېھقان ئۆز ئالدىغا قارار قىلىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، زورلاشقا، ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ. دېھقانلارنىڭ يازما ھاۋالىسى بولمىسا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە دېھقانلار ھۆددە ئالغان يەرنى بەلگىلەش ھوقۇقى بولمايدۇ، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا بويسۇنۇش نامى بىلەن، دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىگە مەركەزلىك سىرتتىن سودىگەر چاقىرىپ تىجارەت قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى شەھەر- بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش كۆلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ يېڭىلىنىش دەرىجىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى يەر ئوبوروتى ۋە كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ پائال قاتناشقۇچىسى ۋە ھەقىقىي مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  «ھۆددىگەر ئائىلىلەرنى ھۆددىگەرلىكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، پاي قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھۆددە يېرىنى ئوبوروت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، بىراق ئوبوروت كۆلىمى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق كۆلەملىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەرلەرنى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك». ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش پىكرى»دە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەر بايلىقى شارائىتى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، يەرنى كۆلەملىك باشقۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ دائىرىسى ئائىلىلەر ئوتتۇرىچە ھۆددە ئالغان يەر كۆلىمىنىڭ ئوندىن 15 ھەسسىسىگىچە بولسا مۇۋاپىق، دەپ بەلگىلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارماقلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدا يەر باشقۇرۇش كۆلىمى 300 مو ئەتراپىدىكى، شىمالىي شىنجاڭدا 500 مو ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ يۆلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قوغداش رايونىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىدۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، بىر تەرەپلىمە ھالدا دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەم قوغلىشىشقا، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوبوروت قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ يەر ئوبوروتى جەريانىدىكى ھوقۇق- مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، «يولغا قويۇش پىكرى»دە ھۆددىگەر بىلەن ھۆددە ئالغۇچى تەرەپنى يازما ئوبوروت توختامى ئىمزالاشقا ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن توختام ئۈلگە نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە پائال يېتەكلەش تەلەپ قىلىندى، ئوبوروت توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئالدىن داۋاملاشتۇرۇپ توختام تۈزسە بولىدۇ.

  ئەمەلىي ئۈنۈم

  «يېزا يېرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەر ئوبوروتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەزى جايلار يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يېزا ئىگىلىكىدە كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنە يۇقىرى- تۆۋەن ئۇزارتىلغان كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمما يەرلەردە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا، يەنىلا بەزى ئوبوروت ھەرىكىتى قېلىپلاشماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلىنىپ، ئاسانلا ماجىرا يوشۇرۇن خەۋپى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.

  «<يولغا قويۇش پىكرى>دە يەر ئوبوروتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرنى ئوبوروت قىلىش نامى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇش قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى». ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش پىكرى»دە يەرنىڭ ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىلىش ئورنى، سودا- سانائەت كارخانىلىرى دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىنى ئىجارە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئوبوروت يەرنى «ئاشلىقتىن باشقىغا ئىشلىتىش» «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» ئەھۋاللىرى يۈزبېرىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.

  ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشتا، خالىغانچە يەرنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئوبوروت قىلىنغان يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان يەردە ساياھەت ئارامگاھى، گولف توپ مەيدانى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ، ئاساسىي ئېتىزلارنى ئىگىلەپ كۆلچەك كولاش، كۆچەت تىكىش ھەم تېرىقچىلىق شارائىتىنى بۇزۇۋېتىدىغان باشقا قىلمىشلار قاتتىق چەكلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارماقلىرى ئوبوروت يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قوغداش رايونىدا، ئالاھىدە پەرقلىق مۇكاپاتلاش- جازالاش سىياسىتى قوللىنىپ، ئوبوروت قىلىنغان يەردە «يېزا يېرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش دائىرىسى، يەرنى تېرىلغۇغا قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق سالاھىيىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاۋۋال ئىجارە ھەققى تۆلەپ، ئاندىن يەر ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپ، ئىجازەت بوسۇغىسىنى چىڭىتىش كېرەك». ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆددىگەر دېھقاننىڭ ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش ياكى تىجارەتكە ماھىر بولماسلىق سەۋەبلىك زىيان تارتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، «يولغا قويۇش پىكرى»دە، شىمالىي شىنجاڭدا ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ (بىرلەشمە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆلىمى جەمئىي 5000 مودىن يۇقىرى (5000 مونى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەرنى ئوبوروت قىلغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش، 5000 مودىن تۆۋەن بولسا، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆلىمى جەمئىي 2000 مودىن يۇقىرى (2000 مونى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەرنى ئوبوروت قىلغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش، 2000 مودىن تۆۋەن بولسا، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى

  تەرەققىيات

  يېڭى تىپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۆستۈرۈش

  «يولغا قويۇش پىكرى» يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇردى.

  ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن يېزا يەرلىرىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر- بىرىگە ماسلاشقان ۋە بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، يېزا يەرلىرىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىش يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت يارىتىدۇ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشتە پائال يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

  ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش پىكرى»دىكى تەلەپلەر بويىچە، كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، كەسپىي چوڭ ئائىلە، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باشلامچى كارخانىلار، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى مالىيەدىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى سۇ ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆددىگەرلەرنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، بىرلەشمە تىجارەتنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىلەر بىرلەشمە تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى دېھقانلار ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پاي قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مال- مۈلۈك خاراكتېرىدىكى كىرىمىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا باشلامچى كارخانىلار، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تىجارىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  «ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى يەنىلا ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئاساس قىلغان ئائىلىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئۇششاق دېھقانلارنىڭ ئائىلىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇشى ئاۋۋالقىدەكلا مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ». ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز يەرنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا يېتەكلەپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئادەتتىكى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى يۆلەيدۇ. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەردىكى ئۇششاق دېھقاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن چوڭ مۇلازىمەتنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ