تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تەكلىپ بېرىش، ياخشى تەدبىر، ئەسقاتىدىغان چارە كۆرسىتىش

− شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىندىن ئىلگىرى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

  «ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىدا سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى قانداق بولدى؟» «دۆلەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، خۇالىڭ گۇرۇھى بۇنىڭدىن پايدا كۆردىمۇ- يوق؟»... مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم جۇڭگو قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانا تىجارىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئەزالار سوغۇق شامالغا قارىماي بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن كۆرگەزمە تاختىلىرىنى تەپسىلىي كۆردى ھەم پات- پات سوئال سورىدى. ئەزالار ھازىر ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىدار سۇپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنى، بايلىقنى بىرىكتۈرۈشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان پونكىتى سۇپىسىنىڭ تېز ياسىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ، بەيشى ئەشيا ئوبوروتى، خۇەنشى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 90 نەچچە داڭلىق سودا ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى كىرگۈزۈلگەنىدى.

  مەسىلىنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي تەكلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بەس-بەستە سوئال سورىدى: «ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشى زور تۈركۈمدىكى يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارغا موھتاج، ئۈرۈمچىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىشتا قانداق تەدبىرلىرى بار؟» «ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى ئاچقۇچلۇق شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداق ئورۇندا تۇرىدۇ؟» «<يىغىپ قاچىلاش-يىغىپ توشۇش> كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ قانداق قىيىنچىلىقلار ساقلىنىۋاتىدۇ؟»...

  ئەزالار كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى، كۆپچىلىك يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، سۆھبەت يىغىنىنىڭ ۋاقتى ئەسلىدىكى پىلاندىن يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئۇزىراپ كەتتى.

  1950-يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن نۇقتىلىق تۈر ۋە بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىپ پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو قۇرۇلۇش باش شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «شەرقتىن كىرگۈزۈپ، غەربكە چىقىرىش» رايون بازىرى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز بازار ئېچىپ، يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلگەندە، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ چېڭخېچېڭ ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇدىرى پەن شياۋيەن ئىنتايىن خۇشال بولدى. «20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، مەن كارخانىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپ قېتىم بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھىغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىرىنى كېڭەشكەنىدىم. كونا كارخانىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتقانلىقىنى كۆرۈپ، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، كارخانىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى پەن شياۋيەن.

  «شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خۇالىڭغا كېلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا مەدەت، ئىلھام بەردى، بىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى، غەيرىتىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى» دېدى شىنجاڭ خۇالىڭ گۇرۇھى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جاڭ جۈن سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ.

  ئەزالار كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، «چىقىرىش» قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قانداق تۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قانداق قىلىپ پۇقراۋى كارخانىلارغا «سەمىمىي» مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى، ئامال ئىزدىدى، چارە ئويلىدى.

  «خەلقنىڭ ساداسىغا مەن ئىنكاس قايتۇرىمەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن مەن تىرىشىمەن.» شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانىلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر، ئەسقاتىدىغان چارە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى