تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇربان نىياز: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

  2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇربان نىياز لېكسىيە ماتېرىيالىنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ، چۈشتىن كېيىن ئونسۇ ناھىيەسىگە بېرىپ سۆزلەيدىغان لېكسىيە ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى، بۇ قېتىمقى لېكسىيە يەنىلا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى باش تېما قىلغانىدى. قۇربان بۇ باش تېمىدا كۆپ مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، قۇربان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدى، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، يېزا- كەنتلەردە يىلتىز تارتتى ھەم جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇلتۇر قەشقەر، خوتەن، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، ھەر بىر جايدا ئاز دېگەندىمۇ بىر ھەپتە تۇرۇپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق ئىگىلىدىم، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئىگىلىدىم.» دېدى قۇربان.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇربانغا يېزا-كەنت مەكتەپلىرىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپەيتىش توغرىسىدىكى ئورتاق ئارزۇسىنى بىلدۈردى، بۇ، قۇرباننى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. «بۇ مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئاتا- ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى جىددىي ئارزۇ قىلىدۇ.» دېدى قۇربان.

  بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە، قۇربان ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر مۇنەۋۋەر كىنو كۆرۈش، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزۈش، چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈش قاتارلىق ئالاھىدە قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇق بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  «بىز بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» قۇربان مۇنداق دېدى: «مەن بالىلاردىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپتە تارقىتىپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەرگە، ھەممە ئائىلىگە، كىشىلەرنىڭ قەلب ئېتىزىغا تېخىمۇ كۆپ كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ