تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ سېپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قىسقاردى

  2018–يىلى شىنجاڭدا 537 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايدى

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ سېپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قىسقاردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 2018-يىلى، شىنجاڭدا جەمئىي 537 مىڭ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 513 نامرات كەنت چېكىندۈرۈلدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57تىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %6.51كە تۆۋەنلىدى.

  ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن سىرت، باشقا ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى كۆك نامراتلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ سېپى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا قىسقىراپ، دىققەت ئېغىر نامراتلىققا تېخىمۇ مەركەزلەشتى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئېغىر نامرات رايون، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە مۇھىم نۇقتا. بۇلتۇر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي 486 مىڭ 900 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 513 نامرات كەنت چېكىندۈرۈلدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %18.3تىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %10.51كە تۆۋەنلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىشتا مەزمۇت قەدەم تاشلاندى.

  بۇلتۇر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «كەنت قۇرغان زاۋۇت» «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دىن 1792نى قۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 18 مىڭ 800 نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ چېگرا 1-سېپىدىكى 8265 نەپەر نامرات چېگرا ئاھالىسىنى يېڭىدىن چېگرا قوغدىغۇچىلىققا كۆپەيتىپ، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ...نامرات رايونلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئومۇمىي گەۋدە بويىچە قارىغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى ئازايتىش نىشانى يىللىق ۋەزىپىسىدە كۆزلىمىنى ئىشقا ئاشۇرغان، نامرات ئاھالىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 606 مىڭ 100 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 976 نامرات كەنتنى چېكىندۈرۈش، 12 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2020-يىلى ئون ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، 561 نامرات كەنتنى چېكىندۈرۈش، 211 مىڭ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي خىزمەتلەرنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ