تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش
ئادەتتە، تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قورساق ئېچىش تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەسلىدىكى كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ مىقدارىنى بەش ۋاخ ياكى ئالتە ۋاخقا بۆلۈپ يېسەك، ئومۇمىي ئىسسىقلىق كالورىيەسى ئېشىپ كەتمەيدۇ ھەم ھەر قېتىملىق قوبۇل قىلىنىدىغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى، يېمەكلىك ئىستېمال قىلغان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسە قورساق ئاسان ئېچىپ كەتمەيدۇ.
تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش
ئادەتتە تاماقنى تېز يېيىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز، ئورۇقلاش مەزگىلدە تاماق يېيىش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىڭ. چۈنكى، تاماقنى ئاستا يېگەندە، چىشنىڭ يېمەكلىكنى چايناش قېتىم سانى ئاشىدۇ، بۇ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىغا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ھەمدە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭ مېڭە تويۇش تۇيغۇسى ئۇچۇرىنى بەلگىلىك ۋاقىتتىن كېيىن قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقاندا مەركىزىي نېرۋا غىدىقلىنىپ، ئۇچۇرنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ، ئادەمدە بالدۇر تويۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.
قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش
ئورۇقلاش مەزگىلىدە، قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن، تۇخۇم، كالا سۈتى، ياڭيۇ، سۇلۇ، يېڭى مېۋە-كۆكتات قاتارلىقلار. بۇ خىل يېمەكلىكلەردە ئاقسىل ماددىسى بىلەن يېمەكلىك تالاسى مول بولغاچقا، ئادەمگە ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىپ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بىر نەرسە يېمىگەندىمۇ، قورساق ئاسان ئېچىپ كەتمەيدۇ. بۇ، ھەم ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە پايدىلىق.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى