مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ خەۋىرى: شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چەت ئەللىك ماھىرى ئادام 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالاقە دېتالىدا ئۆزىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىكى سەپىرىنىڭ پات يېقىندا ئاياغلىشىدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم شەپە بەردى. 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن سەنشى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئادام ئالاقە دېتالىدا «يەنە يەتتە مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن بىكار بولىمەن» دېگەن مەزمۇننى يوللاپ بولۇپ، كېيىن يەنە يۇيىۋەتكەن.
نۆۋەتتە، ئادامنىڭ كوماندىدا قالىدىغانلىقى ياكى كېتىدىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرگە نىسىبەتەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى تېخى ئىپادە بىلدۈرمىدى. بىراق ئىككى ئايدىن بۇيان، كۇلۇبنىڭ ئۈندىدار سالونىدا ئادام ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن شۇنداقلا مۇسابىقىدىكى سۈرىتىمۇ يوللانمىغان.
بۇنىڭدىن ۋاسكېتبول ساھەسىدىكىلەر ئادامنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدى، ئۇنداقتا، ئۇ راستىنلا كەتسە، ئۇنىڭ ئورنىغا كىم كېلىدۇ؟ نۆۋەتتە، بۇ ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى.