ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زىڭ جاۋمېي خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ تىيانشان شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى ساۋەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ناھىيە مەركىزىگە تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئارقىلىق تارتىلغان يىلپىزغا ئالاقىدار قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇغا، تۈلكە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋاناتنىڭ پائالىيەت كۆرۈنۈشىنىمۇ سۈرەتكە ئالغان. يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، بۇ خەۋەر پۈتۈن ناھىيەدىكى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلانغان.
«مەن ئەزەلدىن ساۋەن ناھىيەسى تەۋەسىدە دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان يىلپىزنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، يىلپىزنىڭ پەيدا بولغىنى ساۋەننىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ياخشى قوغدىغانلىقىدىن، ياۋايى ھايۋاناتلار ياشايدىغان ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى، ساۋەن ناھىيەسى ئاھالىسى ۋاڭ سۇيەن 2-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇخبىرغا.
ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خوۋ خۇڭلىن مۇنداق دېدى: ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغدىغانلىق ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىق، بۇ ھەممىمىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، يىلپىزنىڭ پەيدا بولغىنىدىن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ زورلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، خىزمىتىمنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئورمان بايلىقى ۋە ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، ساۋەن ناھىيەسى ناھىيە تەۋەسىدىكى 1 مىليون مو تاغلىق رايون تەبىئىي ئورمىنىدا دەرەخ كېسىشنى چەكلەش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تەبىئىي ئورمانلىقنى ئۈنۈملۈك قوغدىغان ۋە ياۋايى ھايۋاناتلار تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ھەمدە تۈر توپى كۆلىمىنى قوغداشقا ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىپ بەرگەن.