2-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر كىچىك دوست « ئېلېكتىر دەرسخانىسى»دا ئۆگىنىش تەسىراتى يازماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى،گۇيياڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى ئېنېرگىيە تېجەش كۆرگەزمە مەركىزى ئائىلىدە توكنى بىخەتەر ئىشلىتىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان « ئېلېكتىر دەرسخانىسى» دەرسىنى ئۇيۇشتۇردى. گۇيياڭلىق 25 گۇرۇپپا ئائىلە نەق مەيدانغا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تەقلىدىي توك سوقۇۋەتكەن كىشىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى.