تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تۆھپىسىنى قوشايلى

گۇما ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سالامەت ئىمىن

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى؛ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقاتتى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

  پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن-ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرىلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىم ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن، ھەرگىز مۈجمەل بولماي، ھەرگىز مۇرەسسە قىلماي، ھەرگىز يول قويماي، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز- ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باشتىن-ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممەمگە ئالىمەن.

  بىر ئايال پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەڭ ئاياللار، ئاچا-سىڭىللارغا شۇنداق مۇراجىئەت قىلىمەنكى:

  پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرايلى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرايلى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىككە پائال سىڭىشىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىمىز ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتايلى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلايلى.

  پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىدىيە، كۆز قارىشىمىزنى يەنىمۇ ئۆزگەرتەيلى. «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئائىلىدىن چىقىپ، زاۋۇتقا كىرىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، ئىشچان بىر جۈپ قولىمىز ئارقىلىق، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتايلى، ياخشىلايلى، گۈزەللەشتۈرەيلى.

  پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشايلى. ئولتۇراق مۇھىتىدا ھويلا-ئاران پاكىز بولۇش، ئۆي ئىچى پاكىز بولۇش، ئاشخانا، ھاجەتخانا پاكىز بولۇش، كىيىم-كېچەك پاكىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىي، رەتلىك-پاكىز، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرەيلى. ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى سۆيۈش، مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، داغدام ساغلاملىق يولىدا مېڭىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى.

  پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرەيلى. ئۆزىمىزدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلارنى قىلىشتىن باشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇنىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاڭلىق توسۇپ، تىرىشىپ قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى قوغدايلى. كەڭ ئاچا-سىڭىللار تەلەپچان بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن، ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولايلى.

  پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى قۇرۇلۇشى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئوبرازىغا خاس رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى. زامانىۋى مەدەنىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پائال يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئىنتىلەيلى. ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىكنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتە قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇش داۋامىدا خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، پەزىلىتىمىزنى تاۋلاش داۋامىدا ئىنسانىي خىسلىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ئاياللىق لاتاپىتىنى نامايان قىلايلى.

  ئاچا-سىڭىللار، بىز قول تۇتۇشۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىش قىزغىنلىقىمىزنى قوزغىتىپ، دىققىتىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە كۈچ قوشۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللىق لاتاپىتىمىزنى نامايان قىلىپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ