تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‏[ھەممىمىز ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر] پارنىكتا سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىپ، يىللىق سېتىش سوممىسىنى 4 ‏مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش

      مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لوياڭ فوتوسى: پارنىكتا ‏كۆكتات تېرىش يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما، پارنىكتا سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش ئاز ‏ئۇچرايدۇ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئالتاي شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1- ‏فېرمىدا، سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىشتا 20 يىلغا يېقىن تەجرىبىسى بار ليۇ خېڭچۈەن ‏پارنىكتا سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سوغۇقتىن قورقىدىغان ‏قىسقۇچپاقىلارنى «قىشتىن ئىللىق ئۆتكۈزدى»، ھازىر، ئۇ باققان قىسقۇچپاقا، ئوستېر ‏بېلىقى قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 50 توننىغا، يىللىق سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ‏

  ‏ ‏‏2-ئاينىڭ 14-كۈنى، پارنىكتا بېلىجانلارنىڭ ئەي بولۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقان ‏ليۇ خېڭچۈەن: «بۇلتۇر بىز باققان، قىشقا ئاتاپ ئېلىپ قويغان ئىككى توننا قىسقۇچپاقا چاغاندىن بۇرۇن ‏بازارغا سېلىنىپ، بىر ئايغا قالمايلا ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، بازار ئىنكاسىمۇ ھەم ‏ئىتنايىن ياخشى، شۇڭا، كېلەر يىلى كۆپرەك بېقىشنى پىلانلىدۇق» ‏دېدى. ‏

  ‏19 يىل ئىلگىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش

  ‏57 ياشلىق ليۇ خېڭچۈەن چۇڭچىڭ شەھىرىدىن، ھازىر ئالتاي شەھەرلىك ‏‏جىنيۈەن سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ‏دىرېكتورى. 2000-يىلى، ئۇ ئايالى بىلەن چۇڭچىڭ شەھىرىدىن ئالتاي شەھىرى ‏دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1-فېرمىغا كېلىپ، 3800 مو كېلىدىغان سۇ ئامبىرىنى سۇ ‏مەھسۇلاتلىرى بېقىش ئۈچۈن ھۆددىگە ئالدى. تەجرىبە كەمچىل، ھەم سۇ ‏مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش تېخنىكىسىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇ ئۇدا بەش يىل زىيان ‏تارتتى. ‏

  ‏2007-يىلى، ليۇ خېڭچۈەن باقىدىغان بېلىقلارنىڭ سورتىنى ئۆزگەرتىپ، ‏ئىتبېلىق، قارا بېلىق قاتارلىقلارنى باقتى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرى ‏راۋاجلاندى. ‏

  ‏«شۇنچە يىل جاپا تارتقاننىڭ نەتىجىسى ئاخىرى چىقتى، 2007-يىلى ‏ھېسابات قىلساق، ئۇ بىر يىلدا زىيان تارتماپتۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ‏ھاياجانلىنىپ كەتتۇق، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ ‏ئىشەنچكە تولدۇق» دېدى ليۇ خېڭچۈەن شۇ چاغلارنى ئەسلەپ. ‏

  ئاتىسىنىڭ كەسپىگە ئوغلى ۋارىسلىق قىلىش ‏

  ليۇ خېڭچۈەن تېخنىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ‏تونۇپ يېتىپ، 2013-يىلى ئوغلى ليۇ ياڭ داشۆ پۈتكۈزۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ‏جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان داشۆسىگە بېرىپ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىشنى ئۆگىنىشكە ‏ئەۋەتتى. ‏

  ليۇ ياڭ: «بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانامنىڭ جاپاسىنى ‏تولۇق بىلمەيتتىم، ھازىر بۇ كەسىپنى قىلغاندىن كېيىن، مەيلى سۇدا بېلىق تۇتۇش ‏ياكى يېتىشتۈرۈش بولسۇن، ھەر بىر ئىشنىڭ ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدىم» ‏دېدى.‏

  پارنىكتا قىشلىق قىسقۇچپاقا بېقىش ئويى تىلغا ئېلىنغاندا، ليۇ ياڭ: «ئىلگىرى ھەر ‏قېتىم قىش كەلگەندە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئارىسال ‏ۋاقتى يېتىپ كېلىدۇ، سوغۇق ھاۋادا نۇرغۇن بېلىق قىشتىن چىقالمايتتى، سوغۇقتىن ‏قورقىدىغان قىسقۇچپاقىلار سىرتتا تېخىمۇ ياشىيالمايتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‏بېلىق ۋە قىسقۇچپاقىلارنىڭ قىشتىن چىقىشىغا ۋە ئۇزاق ياشىشىغا ياردەم قىلىش ‏ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇھىت يارىتىشنى ئويلىدى. ‏

  ‏«سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بىز 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر ‏كىلوگرامىنى 180 يۈەن ئەتراپىدا ساتتۇق، بازارغا سېلىنىپ بىر ئاي بولمايلا، ‏ھەممىسى سېتىلىپ بولدى»، دېدى ليۇ ياڭ، ئۇلارنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئالتاي شەھىرىدىكى كىشىلەر ‏سېتىۋالغاندىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قاراماي شەھىرىدىكى ئاھالىلەرمۇ ‏كۆپلەپ زاكاز قىلدى. ‏

  يېشىل باقمىچىلىق كەسپى بەرپا قىلىش

  نۆۋەتتە، ئالتاي شەھىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 1- ‏فېرمىدا سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 50 توننىغا، يىللىق ‏سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈنگە يەتتى، ليۇ خېڭچۈەنمۇ بارا-بارا تەجرىبىگە موللىشىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ «مۇتەخەسسىسى»گە ئايلاندى. ‏

  ‏«نۆۋەتتە بىز <يېشىل سۇ مەھسۇلاتلىرى>‏نى ئاساسلىق مەھسۇلات قىلىپ، مۇزلۇق قىسقۇچپاقىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ‏سۇنۇش ئۈچۈن، دۆلەت دەرىجىلىك ساغلام باقمىچىلىق بويىچە ئۈلگە زاۋۇت ۋە فېرما ‏مۇزلۇق قىسقۇچپاقا ماركىسىغا ئىلتىماس سۇنۇۋاتىمىز» دېدى ليۇ ياڭ. ‏‎

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى