ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ما مېڭجيې، جاڭ خۇييۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: «بۇ ئېڭىز كۆكتاتنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، پات يېقىندا تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەن پەيتتىن پايدىلىنىپ، مايسا يېتىشتۈرىمىز، كېچىكىپ قالساق پەسىلگە ئۈلگۈرتەلمەيمىز»، دېدى بۈگۈر ناھىيە بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىدىكى لى جاۋرۇ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى پارنىكنىڭ تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى كۆرگىلى كەلگەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى ۋاڭ زېجىنغا.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئەڭ زور چەكتە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشتە، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مۇھىم ھالقا. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، شۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنى قارار قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «پارنىك ئىگىلىكى» تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن يېتەكلىدى.
«خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، مەن ئىككى پارنىكنى ھۆددىگە ئالدىم، پارنىكتا يۇمەسەي، ماۋبەسەي، يەنە پەرۋىش قىلىنىۋاتقان شوخلا، خاڭگا مايسىلىرى بار، يىلىغا 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشتا چاتاق يوق» دېدى لى جاۋرۇ پارنىكىدىكى كۆكتاتلارنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا.
بۈگۈر ناھىيە بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لۈ جيابىڭ: «بىز بۇنىڭدىن كېيىن كۆكتات تۈرى بويىچە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كۆكتات پارنىكىدا تېرىقچىلىق قىلىشنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باي بولۇشقا يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى.