مۇخبىرىمىز جاۋ زىشۈەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى قىش پەسلىدە تۇنجى قېتىم سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، بۇنىڭ بىلەن «تۆت پەسىل ساياھىتى» ئەندىزىسى رەسمىي قوزغىتىلدى.
بۇ جايدا ساياھەتچىلەر قارلىق دالا موتوسىكلىتىدا قارلىق تاغنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە چانا ئويناپ قار-مۇز خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھەم قار-مۇز «چۆچەكلەر دۇنياسى»دىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ.
«نارات تۇنجى نۆۋەتلىك قارلىق دالا ئاپتوموبىلى ماھارەت مۇسابىقىسى»دىن سىرت، ھەر قېتىملىق ئات بەيگىسىدە، يەرلىكتىكى چارۋىچىلار بەيگە مەيدانىغا يىغىلىپ ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. مانا بۇ دەل قىش پەسلىدىكى يايلاقنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەل كارتىنىسىدۇر.