تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سەزگۈر تېرىنى ئاسراش ئۇسۇللىرى ‏

      ئەنخۈي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ‏كاندىدات مۇدىر ۋراچى ۋاڭ خۇڭيەن: بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى بىر قەدەر نېپىز ‏ياكى ئەسلىدىنلا سەزگۈر كېلىدۇ، بۇنداق تۈردىكى كىشىلەر دائىم گىرىم قىلسا تېرىسى ‏زەخمىلىنىپ ياكى تېرىسىگە دانىخورەك چىقىپ، تېرە سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ، دېدى. ‏

  ئۇنداقتا تېرىسى سەزگۈر كىشىلەر تېرىسىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟ ۋاڭ خۇڭيەن سەزگۈر ‏تېرىنى ئاسراشقا نىسبەتەن بىر قانچە تەكلىپ بەردى: ‏

  ‏1. يۈز تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى كۈندە بىرلا قېتىم ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى تېرىنىڭ ‏مۈڭگۈز پەردىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېرە سەزگۈرلىشىدۇ، يۈزنى ھەددىدىن زىيادە ‏تازىلىغاندا تېرە تېخىمۇ سەزگۈرلىشىدۇ. ‏

  ‏2. تېرىسى سەزگۈر كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى يۈز چاپلاق ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، يۈز ‏چاپلاق ئادەتتە مۈڭگۈز پەردىنى يۇمشىتىۋېتىدۇ، يۈز چاپلاقنى كۆپ ئىشلەتكەندە تېرە نېپىزلايدۇ، ‏بىر ھەپتىدە 3~2 قېتىم ئىشلەتسىلا بولىدۇ. ‏

  ‏3. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالماسلىق، سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ‏يېيىش، ۋېتامىن ۋە يېمەكلىك تالاسىنى تولۇقلاش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش ‏كېرەك.‏

  ‎4‎‏. ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ۋاقتىدا يېتىپ-قوپۇش، تۈنىمەسلىك كېرەك. ‏

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ