ئامېرىكا پىتتسبۇرگ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جيەن كاۋلى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى سىناققا قاتناشقان 157 مىڭ ئايالنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ 7.6 يىل ئىچىدىكى يىقىلىش ئەھۋالى ۋە 12 يىل ئىچىدە سۆڭىكىنىڭ سۇنۇش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش سائەت ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ %10.6؛ 10 سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ %11.8؛ 8~7 سائەت ئۇخلايدىغان ئاياللارنىڭ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى %7 ئىكەن. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ زىيادە قىسقا ياكى زىيادە ئۇزۇن بولۇشى ئاياللارنىڭ يۇقىرىقى، تۆۋەنكى مۈچە ۋە بەل قىسمى سۆڭىكىنىڭ سۇنۇش خەۋپىنى %25 ئەتراپىدا ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ زىيادە قىسقا ياكى ئۇزۇن بولۇشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ئۇيقۇ سۈپىتىنى پائال ياخشىلاش، ياشانغانلار سۆڭەك سۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى