تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇتۇش لايىھەسى ئىلمىي بولۇش، تەربىيەلەش ئەندىزىسى كارغا كېلىش

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قەشقەرگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، شيې خۈيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 94 ئوقۇتقۇچى قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، ئاشخانا، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش رايونى، ياتاق قاتارلىق تۇرمۇش سورۇنلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  سائەت 12 دە، پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا بىر مەيدان ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرى ئورۇنلىنىۋاتاتتى، نەق مەيداندا ئالقىش ساداسى ئۈزۈلمەيتتى. «مەن ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ چىرايىدىن بەخت جىلۋىسىنى، كۆزلىرىدىن ئىشەنچ نۇرلىرىنى كۆردۈم. مەن نەچچە ئون يىل سەنئەت مائارىپى بىلەن شۇغۇللاندىم، ئەگەر قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھېسسىيات بولمىسا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قويغان ئويۇنىنىڭ بۇنچە تەسىرلىك بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر بىلىمەن». ئويۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەييارە ئابباسوف ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدىم. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى ئۇلارنىڭ ساغلام مەنىۋى دۇنياسىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە يورۇقلۇق بېغىشلىدى».

  ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش رايونىدا، بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، پات- پات كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەربىيەلەنگۈچى جۈمە تۇرسۇن ئاتا- ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ، دادىسى ئوغلىنى يەنە سەمرىپ كېتىپتۇ دېسە، ئانىسى ئوغلىغا تاماقنى ئازراق يېيىشنى، بەك سەمرىپ كەتسە بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى تاپىلاۋاتاتتى. شىنجاڭ سىفەن داشۆسى قانۇنچىلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چېن تۇڭ جۈمە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشال پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا قەدىمىنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلدى. «مەن ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كۆڭلۈمدە جەننەتكە كىرىشنىلا ئويلاپ، ئوقۇشنى تاشلىغانىدىم، تېخى سىڭلىمنى نىقابلىنىشقا مەجبۇرلىغانىدىم. ھازىر ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىمنى بىلىپلا قالماي، يەنە ئۆز قىلمىشلىرىمنىڭ قايسى قانۇن ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدىم». جۈمە چېن تۇڭغا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

  چېن تۇڭ ئاۋۋال جۈمەنىڭ راۋان پۇتۇڭخۇاسىدىن ھەيران قالدى، يەنە جۈمە كونكرېت قانۇن ماددىلىرىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ ماختاپ مۇنداق دېدى: «قانۇن جەمئىيەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى تۈپ ھەرىكەت مىزانى. قانۇن ئۆگىنىش تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قانۇن قىزىل سىزىقى ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۈرىغا ئىگە قىپتۇ، قانداق ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقى، قانداق ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئاندىن ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىغىلى، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆز- ھەرىكىتىنى چەكلەپ، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرا بولغىلى بولىدۇ».

  قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپلارغا كىرىپ، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، دەرسلىكلەرنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى پاتىگۈل مەمەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ سىستېمىلىق ئوقۇتۇش لايىھەسى تۈزگەنلىكى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ باسقانلىقى ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بىلىمى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلىگەنلىكى، ئادەملەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيەلىگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەم قانۇنغا يېنىك خىلاپلىق قىلغانلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تاشلىۋەتمىدى، ئەكسىچە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپ شەكلىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش لايىھەسى تۈزۈپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، بۇ خىل تەلىم- تەربىيە ئەندىزىسى ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيە ئەمەلىيىتىدۇر».

  ئارقىدىنلا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى يەنە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا كەلدى. ئېلېكتىرونلۇق دېتاللارنى پىششىقلاش سېخىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يېنىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى ئاشپەزلىك ۋە يېمەك- ئىچمەك باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەنىپە ئەمەت تەربىيەلەنگۈچى قۇربانجان تۇراقنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئېگىلىپ ئۇنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆردى. «مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئەمەلىي مەشىققە قاتنىشىۋاتقىنىمغا ئىككى ئاي بولاي دېدى، ئۈچ ئاي توشسا ئىش ھەققى ئالالايمەن» دېدى قۇربانجان كاتۇشكىغا يىپ ئورىغاچ.

  ھەنىپە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ماھارەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ۋاسىتىسى، سىلەر بۇ يەردە ماھارەتنى ياخشى ئۆگەنسەڭلار، ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلالايسىلەر، ئۆزۈڭلار ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يارىتالايسىلەر، بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش! سىلەر پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، خاتالىقىڭلارنى تونۇپ، خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشۈڭلار كېرەك».

  «بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر شۇنى چۈشەندۈردىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ قايتىدىن نورمال تۇرمۇشقا قايتىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۆگىنىش ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئورنى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى». شىنجاڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو شۈ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىم ئېكسكۇرسىيەگە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقاندىن كېيىن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. بىز چوقۇم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق بىلىم مائارىپى ۋە مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى يېتەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم- پەننى قەدىرلەش، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، تېررورىزم، ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش، ساغلام، ئوچۇق مەكتەپ مۇھىتىنى ياخشى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ