تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى دىراما- كىنو- تېلېۋىزىيە شىسىنىڭ يېتەكچىسى ئالىمجان تۇرسۇن

    مەن ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا- ئانام كومپارتىيە ئەزاسى. 18 يىل ئىلگىرى، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، شاڭخەيدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدىم، كېيىن ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىگە ئۆتتۈم. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىمنى، بولۇپمۇ ئىچكىرى جايلاردا ئۆگەنگەن ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن سەككىز يىلنى ئەسلىگىنىمدە، قەلبىم مىننەتدارلىققا ۋە ھاياجانغا تولىدۇ. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىم ماڭا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي بىلدۈردى، مەن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

    «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، بىدئەت تەلىمات تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشىمىز، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىدە، مەن بىرىنچى ۋاقىتتا كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە سۇسلۇق قىلمايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن.

    ئالىي مەكتەپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش تارىخىي بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان، يېڭى دەۋردە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى خىزمىتى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي لىنىيە. ئالىي مەكتەپ خىزمىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئاڭلىق قوغدىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

    ئالىي مەكتەپ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. ياش ئوقۇغۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشقا، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئويناش، بىللە تۇرۇش، بىللە پىكىرلىشىشكە، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا يول قويۇشقا يېتەكلەپ، ئىناق، مۇقىم مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دائىم تۇتىمەن، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرىمەن. باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، پارتىيە، ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى تەربىيەسى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرىمەن. ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ