شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىن تەخمىنەن ئۈچ ياش ياش بولىدىكەن. بۇنىڭ، ياشانغان ئاياللارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشانغان ئەرلەرنىڭكىدىن ئۆتكۈر بولىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ مېتابولىزمى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاستىلايدىكەن، ھالبۇكى، بۇ خىل قېرىش جەريانى جىنسىي پەرققە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋاشىنگتون داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 20 ياشتىن 82 ياشقىچە بولغان 121 ئايال ۋە 84 ئەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سىكانېرلاپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ مېتابولىزم سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەن.
تەتقىقاتچىلار ئەرلەرنىڭ يېشى ۋە چوڭ مېڭىسىنىڭ مېتابولىزم سانلىق مەلۇماتىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، ماشىنا ئۆگىنىش ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياش بىلەن چوڭ مېڭە مېتابولىزمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېپىپ چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭە مېتابولىزم سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزۈپ، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان چوڭ مېڭە يېشىنى ھېسابلىغان. نەتىجىدە، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئەمەلىي يېشىدىن 3.8 ياش كىچىك چىققان.
تەتۈر يۆنىلىشلىك مەشغۇلات جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئاۋۋال ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭە مېتابولىزم سانلىق مەلۇماتىنى ماشىنىغا تونۇتقان، ئاندىن ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭە مېتابولىزم سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزگەن. نەتىجىدە، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئەمەلىي يېشىدىن 2.4 ياش چوڭ چىققان.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېگەن: بۇ، مېتابولىزم نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياش بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل پەرقنىڭ 20 نەچچە ياشتىن باشلاپلا كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، بۇ، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىشىنىڭ تېخىمۇ تېز بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە قارىغاندا ئۈچ يىل بالدۇر يېتىلىش دەۋرىگە كىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ تەتقىقاتقا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ تور بەت نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى مارنۇ گويالنىڭ قارىشىچە، ياشانغان ئاياللار ھەمىشە لوگىكا، ئەستە ساقلاش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قالتىس بولىدىكەن، بۇ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تېخىمۇ ياش بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.