تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىغا تىرەك بولدى

«سالامەتلىكىڭىزنى تەكشۈرتۈۋېلىڭ»دىن «مەن سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتىمەن»گىچە

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىغا تىرەك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

  «ئەگەر ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بولمىسا، ئۆزۈمنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليۇز بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.» 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، قورغاس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ما مېيخۇانىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلى، ئۇ قورغاس ناھىيەسى داشىگۇ يېزىلىق شىپاخانىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ئىكەنلىكى بايقالغان، «دوختۇر مېنىڭ قورغاس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشىمغا ياردەم قىلدى ھەم ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مېنى چوڭ كېسەللەرنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش، داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويدى. داۋالىنىش ئارقىلىق، كېسىلىمدە ياخشىلىنىش بولدى».

  «2016-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، كېسەلنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالىتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى. «سالامەتلىكىڭىزنى تەكشۈرتۈۋېلىڭ»دىن «مەن سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتىمەن»گىچە، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلغان بىرىنچى يىلىنى تىلغا ئالغاندا، قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق شىپاخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرى سۇدەم ئەخمەت مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچى ئىلگىرى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ باقمىغان، قان ئالىدىغانلىقىنى، تۈرلۈك تەكشۈرتۈش قىلىدىغانلىقىنى، يەنە تېخى يېزا- بازارلىق شىپاخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا، ئاۋارىچىلىك كۆرۈپ، كېلىشنى خالىمايتتى».

  ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بىرىنچى يىلىدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قەرەلىدە قانات يايدۇرۇلدى.

  «بىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دوكلاتىنى ئېلىپ ھەربىر كىشىگە تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز. مەسىلە يوقلارغا ساغلاملىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىمىز؛ تەكشۈرۈشتە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بايقالغانلارغا ساغلاملىق باشقۇرۇش ئېلىپ بارىمىز؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ بېرىمىز.» سۇدەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈزلۈكسىز چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، دېھقان-چارۋىچىلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە نىسبەتەن دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاپتۇ.

  بىر يىلدا، جىگەر ئىقتىدارى، بۆرەك ئىقتىدارى، دائىملىق قان تەكشۈرۈش، كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش؛ يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالىتىش... بۇ بىرقەدەر ناتونۇش سۆزلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بىردىن ئونغا، ئوندىن يۈزگە تارقالدى. بۇلتۇر، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش تېخى باشلانماي تۇرۇپلا، بەزى دېھقان- چارۋىچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزا- بازارلىق شىپاخانىلارغا بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە تىزىملاتتى.

  ئاساسىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش پەقەتلا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، قانداق قىلىپ كېيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش مۇھىم ئىككىنچى قەدەم.

  «بىز كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش دائىرىسىنى 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىن 15 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرگىچە كېڭەيتتۇق، جىگەر ئىقتىدارى، بۆرەك ئىقتىدارى، قاندىكى ياغنى تەكشۈرۈشتىكى ئايرىم كىچىك تۈرلەرنى تاللاشقا بولىدىغان تۈرلەرگە ئۆزگەرتتۇق». ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو ۋېيجياڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 2018-يىللىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىدە خاسلاشقان سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى كۆپەيتىلىپ، جايلاردىن ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن خاسلاشقان سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوراپ دىياگنوز قويۇش، يۆتكەپ داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش؛ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىغا قارىتىلغان داۋالاشتىن كېيىنكى ئەھۋال ئىگىلەش، ساغلاملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ كۆزگە ئاق چۈشۈش، تۇغما يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى قاتارلىقلار ئۈچۈن ھەقسىز داۋالاش تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈش؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا چوڭ كېسەللەرنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش- داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

  ئۆتكەن بىر يىلنى تىلغا ئالغاندا، چوڭ كېسەلدىن يېڭىلا ساقايغان رابىخان ئەمەر سەل ھاياجانلاندى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشقا يۆتكەپ بېرىلگەنىدى. «مەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، چوڭ كېسەللەرنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاساسەن ھېچقانچە پۇل خەجلىمىدىم، ھازىر سالامەتلىكىم ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ مېنى ۋاقتىدا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت».

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، جايلاردىكى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلار ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇھىتنى ياخشىلاش، ئۈسكۈنىلەرنى تولۇقلاپ سەپلەش بىلەن بىللە، تېببىي خادىملارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2019-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە ھالقىلىق بولغان ئۈچىنچى قەدەمنى ئېلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى بىر تۈرلۈك دائىملاشقان خىزمەت سۈپىتىدە ھەر ۋاقىت ئېلىپ بارىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خاسلاشقان مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى